|
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەرقىي جۇڭغار رايونىنىڭ مول كۆمۈر بايلىقى، يۈرۈشلەشكەن يانداشما ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر – خىمىيە بازىسىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ نەزەرىنى ئۆزىگە تارتتى.
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنىقلانغان كۆمۈر زاپىسى 100 مىليارد 800مىليون توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %10 ىنى، ئالدىن مۆلچەرلەنگەن زاپاس مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدۇ. شەرقىي جۇڭغار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆمۈر زاپىسى ئەڭ مول رايون، تەخمىنەن شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان 200 كىلومېتىرلىق بەلباغدا 390 مىليارد توننا كۆمۈر زاپىسى ساقلانغان، كۆمۈرنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى.
يېقىنقى ئىككى يىلدا ئاپتونوم رايون 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ رايوننىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. سۇ، توك، يول قاتارلىق يانداشما تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. ھازىرغا قەدەر ‹‹خۇاديەن››، ‹‹گوديەن››، ‹‹خۇانىڭ›› قاتارلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركەتلىرى، ‹‹شېنخۇا››، ‹‹يەنكۇاڭ››، ‹‹شۈكۇاڭ››، ‹‹يىخۇا›› قاتارلىق كۆمۈرچىلىك شىركەتلىرى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ئارقا – ئارقىدىن شەرقىي جۇڭغارغا ماكانلاشتى. شەرقىي جۇڭغار سانائەت رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ پىلانلىغان كۆمۈر – ئېلېكتر ۋە كۆمۈر – خىمىيە تۈرلىرى 60 تىن ئاشتى، مەبلەغ ئومۇمىي سېلىنمىسى 500 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى.
خۇبېي ‹‹يىخۇا›› گۇرۇھى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر – خىمىيە سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان تۇنجى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن 8 مىليون يۈەندىن كۆپرەك چارلاش مەبلىغى سېلىپ، 2 مىليارد 200 مىليون توننا كۆمۈر زاپىسىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ‹‹يىخۇا›› گۇرۇھى يەنە شەرقىي جۇڭغار رايونىغا 17 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىككى قارارغا بۆلۈپ، ئۇرىيە، بىرىكمە ئاممىياك بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھى ۋۇسەيۋەن (كۆيۈك تاغ) كان رايونىدا ئۈچ قارارغا بۆلۈپ، يىللىق ئومۇمىي كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 50 مىليون توننىلىق زامانىۋى كان قۇدۇقى ۋە كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى تۈرىنى يولغا قويۇشنى پىلانغا كىرگۈزدى. بىر قىسىم كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر – خىمىيە تۈرلىرى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن پىلان بويىچە ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىمەكتە.
دۆلىتىمىزنىڭ كۆمۈر مېيى سانائىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى – ئىچكى موڭغۇلنىڭ ‹‹ئوردۇس›› شىركىتىنىڭ 1 مىليون 80 مىڭ توننىلىق كۆمۈر مېيى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىكى تەجرىبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، كېلەر يىلى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلسا، شەرقىي جۇڭغار رايونى كۆمۈر مېيى كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆمۈر مېيى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئېلېكتر تورى پىلانى بويىچە شەرقىي جۇڭغار رايونى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش››تىكى باش بېكىتىگە، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر – ئېلېكتر بازىسىغا ئايلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، كېيىنكى بىر مەزگىلدە شەرقىي جۇڭغار رايونىنىڭ يىللىق كۆمۈر قېزىش ئىقتىدارى 150 مىليون توننىغا، كۆمۈر ئېلېكتر گېنېراتور ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 13 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتقا، يىللىق كۆمۈرنى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى 25 مىليون توننىغا، يىللىق ئالكوگول ۋە ئىككىلەمچى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون 400 مىڭ توننىغا، يىللىق كوكس كۆمۈرى قېزىپ چىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون 400 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، شەرقىي جۇڭغار رايونى شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.
|