باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
سانائەت رايونلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى
2008- 09- 02 17:40 شىنجاڭ گېزىتى

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە سانائەت رايونلىرىنى بەرپا قىلىندى. نۆۋەتتە،ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سانائەت رايونلىرىدىكى كارخانا 7800 دىن ئاشتى، سانائەت رايونلىرىنىڭ يىللىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى 26 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %47 ئاشتى.

   1992 – يىلى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 11 –  ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، دەپ رويخەتكە ئېلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 576 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 505 مىليون يۈەنگە يەتتى. مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 1 مىليارد 664 مىليون يۈەنگە، ئىجتىمائىي ئىستېمال تاۋارلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 216 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىمپورت –  ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 507 مىليون يۈەندىن، باج كىرىمى 1 مىليارد 351مىليون يۈەندىن، مالىيە كىرىمى 617 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

   2005 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش ئىستىراتېگىيىسىنىڭ  تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت رايونلىرى سانائەتنى رايونلاشتۇرۇش، رايوننى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى توپلاشتۇرۇش پىكىر يولى بويىچە ئىلگىرىلىدى. ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، ئالاھىدىلىككە ئىگە سانائەت رايونى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى ھەم كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

   2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت رايونلىرىدىكى كارخانىلاردا، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 300 مىڭ ئادەمگە،  كارخانىلارنىڭ سالغان مەبلىغى 92 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ