باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى‹‹يېشىل كارىدورى››نى باشقۇرۇش چارىسىنى تارقاتتى
2008- 09- 02 16:57 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك توشۇش ‹‹يېشىل كارىدورى›› قۇرۇپ،بۇ ‹‹يېشىل كارىدور››نى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا ‹‹يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش<يېشىل كارىدورى>نى باشقۇرۇش چارىسى››نى تارقاتتى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇشتا يېڭى بەلگىلىمە بار بولدى.

   يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئاساسلىقى، يېڭى كۆكتات، مېۋە – چىۋە، تىرىك سۇ مەھسۇلاتلىرى، تىرىك چارۋا، قۇش، يېڭى گۆش، تۇخۇم، سۈتنى كۆرسىتىدۇ. چارىدە: تاشيول ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ <يېشىل كارىدورى>ىدىن ئۆتۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئاپتوموبىللار جەزمەن يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قانۇن بويىچە تولۇق قاچىلىغان ئاپتوموبىل بولۇشى شەرت يەنى ئالتە  ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي يۈك ئېغىرلىقى 55 توننىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى  بەلگىلەنگەن ئېغىرلىققا يەتكەن بولۇشى ياكى كوزۇپنىڭ %80تىن كۆپرەك قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. نورمىدىن ئارتۇق قاچىلانغان، چېتىپ قاچىلانغان ياكى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ياكى بەلگىلەنگەن ئېغىرلىققا توشمىغان ھەم كوزۇپنىڭ %80تى توشمىغان ئاپتوموبىللار يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش <يېشىل كارىدورى>دا قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ