باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
نۇر بەكرى تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 02 10:26 تەڭرىتاغ تورى

 

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 1 – سېنتەبىر چۈشتە 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كۈرشاد تۈزمېن قاتارلىقلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى.

   نۇر بەكرى كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: مىنىستىر ئەپەندىمنىڭ تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە كېلىپ سودا ھەمراھى ئىزدىگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.  ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. مىنىستىر ئەپەندىمنىڭ بۇ قېتىم ئۇزاقراق تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەم باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ.

   كۈرشاد تۈزمېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ شىنجاڭىنىڭ ئىقتىساد – سودا ساھەسىدە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكار– لىقنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ