باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن يۈەن چۈنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 02 09:49 شىنجاڭ گېزىتى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 1 – سېنتەبىر كەچتە 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يۈەن چۈنچىڭ، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جىڭ جۈنخەي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن كۆرۈشۈشتە يۈەن چۈنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   يۈەن چۈنچىڭ كۆرۈشۈشتە سۆز قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، شىنجاڭ خەلقىنىڭ شەنشى خەلقىگە سەمىمىي ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم شىنجاڭ بىلەن شەنشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىساد – سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، نيې ۋېيگو، فۇچياڭ، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇۋېي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ