باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن شەندۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىساد–سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 02 09:42 شىنجاڭ گېزىتى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 1 –  سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن شەندۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىساد – سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن ئالدى بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىساد – سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئۇدا 17 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى پەقەت ئىقتىساد – سودا جەھەتتىكى كېڭىشىش فۇنكسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى  خېرىدار چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتىكى فۇنكسىيىسىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇردى. بىز شەندۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىساد – سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، كارخانىلار ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ شەندۇڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بەي جىجيې كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ