باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئاۋسترالىيە گېزىتىدە جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان كۈچكە ئايلاندى، دېيىلدى
2008- 09- 01 18:36 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاۋسترالىيە ‹‹سىدنېي ئاۋانگارتلىرى سەھەر گېزىتى›› 16 – ئاۋغۇست ‹‹جۇڭگو ئاچال يولدا كېتىۋاتىدۇ›› سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: غەربنىڭ ‹‹جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىش، لېكىن، ئۇنى چەكلىمەسلىك›› قارارى ئۇلار تىككەن ئەڭ چوڭ دو، يەنى دۇنيانىڭ جۇڭگونى ئۆزگەرتىش سۈرئىتى جۇڭگونىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ، دەپ قارالدى.

   ھازىر، ئو ت م قىزىققاق دۇنياغا جۇڭگونى نامايان قىلدى، بۇ دېڭ شياۋپىڭ باشلىغان جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ دەل30 يىلغا قەدەم باسقان مەزگىلدە، دۇنيا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مەركىزىي مەسىلىگە قايتا كۆز يۈگۈرىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.

   جۇڭگو 1978 – يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىي كۆلىمىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىي كۆلىمىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل گېرمانىيىنىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ.      

   جۇڭگو ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا قالتىس مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملاشتۇرماقچى. 1840 – يىلىدىن ئىلگىرى، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلىگەن. ھازىر جۇڭگو بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ كۈچىشى بىلەنلا، دۇنيا ئىقتىسادىدا باشلامچىلىق ئورۇنغا قايتا چىقىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

   بۇنى ئىدىيىدىكى 180 گرادۇس بۇرۇلۇش دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ئامېرىكا ئىقتىسادىي كۆلىمىنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىركەتلەر تەبىئىي ھالدا، جۇڭگونىڭ بۇ يۈكسەك ئورۇنغا چىقىشى مۇقەررەرلىك، دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلار جۇڭگونى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچىدىنمۇ قۇدرەتلىك كۈچ، دەپ كۆرۈۋاتىدۇ.

   شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان كۈچكە، كام بولسا بولمايدىغان تەسىر كۈچكە ئايلاندى.

 ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ