باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
مىسىر خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتتى
2008- 09- 01 18:35 شىنجاڭ گېزىتى

   مىسىرنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، 1854 –  يىلى مىسىردا تۇنجى پويىز قاتنىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوتتۇرا شەرق رايونى بويىچە تۆمۈريولى بىلەن پويىزى بار تۇنجى دۆلەتكە ئايلانغان. ھازىر مىسىردا مۇكەممەل تۆمۈريول سىستېمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، تۆمۈريول تورى ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدۇ، بولۇپمۇ پايتەخت قاھىرەنىڭ شىمالىدىكى نېل دەرياسى دېلتىسىدا پويىز ئىستانسىلىرى ئىنتايىن كۆپ، پويىز بېلىتىمۇ ئەرزان. پويىز مىسىرلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ نامرات مىسىرلىقلارنىڭ مۇھىم قاتناش قورالى. بىراق، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مىسىردىكى تۆمۈريول، پاراۋوز ۋە ۋاگونلار كونىراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، كونىراپ كەتكەن ئۈسكۈنىلەر ۋاقتىدا رېمونت قىلىنمىغان ۋە يېڭىلانمىغانلىقتىن، پويىز ۋەقەسى توختىماي يۈز بېرىپ تۇردى.

   2006 – يىل 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى سەھەردە، قاھىرەنىڭ شىمالىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەريۇبيا بازىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا توختىتىپ قويۇلغان 808 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىغا قارشى تەرەپتىن سائىتىگە 90 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە كېلىۋاتقان 344 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى سوقۇلۇپ، پاراۋوز ئۆرۈلۈپ، ۋاگونلار ۋەيران بولدى، 80 نەچچە كىشى قازا قىلدى، 200 چە كىشى يارىلاندى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىسىردا يۈز بەرگەن تالاپەت ئېغىر بولغان تۆمۈريول قاتناش ۋەقەسى. ئەڭ ئېغىر ۋەقە 2002 – يىلى 2 – ئايدا يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا قاھىرەدىن جەنۇبتىكى لۇكسورغا كېتىۋاتقان پويىزغا ئوت كېتىپ، 373 كىشى قازا قىلغان.

   مىسىر تۆمۈريول ئىدارىسى ترانسپورت بىخەتەرلىكى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى راھمان مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقەلەر پويىزنىڭ تورمۇزى تۇتماي قېلىش، ئېنىق كۆرەلمەسلىك، شوپۇر سىگنالنى سەزمەي قېلىشتەك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان. شۇڭا، يولۇچىلار تەركىبىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق، خىزمەتچىلەرنىڭ بىپەرۋالىق قىلىشى ۋەقەنىڭ دائىم يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردۇر.

   بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى مىسىرنىڭ شىمالىدا 42 كىشى  قازا قىلغان پويىز بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، كېيىن ۋەقەگە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى سەۋەبچى بولغانلىقى، تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن پويىز شوپۇرىدا مەسئۇلىيەت يوقلۇقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، بۇ ئېغىر ۋەقە يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بولدى.

   تۆمۈريول قاتناش ۋەقەسىنىڭ كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىشى مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھەر قېتىم ئېغىر ۋەقە يۈز بەرگەندە، مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك ئالاقىدار تارماقلاردىن ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان جاۋابكارنى ئېغىر جازالاشنى تەلەپ قىلدى. مۇبارەك يېقىندا تۆمۈريول تارماقلىرىغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى قاتناش بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. ھازىر مىسىر تۆمۈريول تارماقلىرى ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، باشقۇرۇشنى، بىخەتەرلىك قارىشى ۋە خەۋپ ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ