|
روسىيىنىڭ 22 – ئاۋغۇست گرۇزىيىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ئۇنىڭ غەرب بىلەن بولغان زىددىيىتىنى تۈگىتەلمىدى، يېقىنقى ئىككى كۈندە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇ خەۋەرگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، روسىيىنى ئەسكەر چېكىندۈرۈشى تەل – تۆكۈس بولمىدى، دەپ ئاشكارا ئەيىبلىدى. روسىيە بولسا گرۇزىيىدە تىنچلىق ساقلاش قىسىمى قالدۇرغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە ئارمىيىسى گرۇزىيىنىڭ گورى قاتارلىق جايلىرىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 23 – ئاۋغۇست كەچتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى تېلېفونلىشىپ، بىردەك ‹‹روسىيە كېلىشىمنى ئىجرا قىلمىدى››، ھازىر ‹‹روسىيە كېلىشىمدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلىشى شەرت››، دەپ قارىدى. ئەنگلىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرىمۇ روسىيىنىڭ گرۇزىيىدىن بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى گەپ – سۆزلەردىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، 7 – ئاۋغۇست تۇرغان جايغا قايتىپ بېرىشىدىن يەنىلا بەك ئەندىشە قىلىمەن. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: روسىيىنىڭ ھەرىكىتى گرۇزىيىنى ش ئا ئە ت غا كىرگۈزىدىغان ئەڭ كۈچلۈك كاتالىزاتور.
گرۇزىيىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى روسىيىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى كەينىگە سۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، ئۇ: روسىيە تانكىلىرىنىڭ گورى ۋە سېناكى قاتارلىق جايلاردىن چېكىنىپ چىقىشى سىمۋول خاراكتېرلىكلا ئىش خالاس، دەپ قارىدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن روسىيە ھەربىي دائىرىلىرى: روسىيىنىڭ قارارى فرانسىيە مۇرەسسە قىلغاندىن كېيىن ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇيغۇن، دەپ جاۋاب قايتۇردى ھەم ش ئا ئە ت نىڭ ‹‹ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى›› توشۇشنى باھانە قىلىپ، قارا دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى توپلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. روسىيە ت ئا س س ئاگېنتلىقى تور پونكىتىدىمۇ 24 – ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ‹‹ياردەم›› ھەربىي پاراخوتىنىڭ گرۇزىيىگە كەلگەنلىكى نۇقتىلىق خەۋەر قىلىندى. روسىيە دائىرىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئە ت گرۇزىيە ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇشقا ئۇرۇنسا، روسىيە ئارمىيىسى گرۇزىيىگە يەنە ئومۇميۈزلۈك قايتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېيىشتى: روسىيىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى خەلقئارا نازارەتچىلىك بولمىغان ئاساستا ئورۇندالدى. روسىيە بىلەن گرۇزىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىكى بەزى ئىبارىلەر مۈجمەلرەك بولغاچقا، روسىيە دائىرىلىرى كېلىشىمنى ئۆز چۈشەنچىسى ۋە ئېھتىياجى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ، شۇڭا روسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش پەيدا بولماسلىقتىن ساقلىنىش قىيىن.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|