باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دالاي ئو ت م مەزگىلىدە نېمىلەرنى قىلدى؟
2008- 09- 01 16:58 شىنجاڭ گېزىتى

   دەبدەبىلىك باشلىنىشتىن مۇكەممەل ئاياغلىشىشقىچە، 29 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئو ت م دۇنياغا ئاجايىپ ياخشى تەسىر بەردى. ھالبۇكى، دالاي ئو ت م مەزگىلىدە جاھان ئەھلى تەرىپىدىن ‹‹ئۇنتۇلۇپ قېلىش››قا تەن بەرگۈسى كەلمەي، فرانسىيىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئالدامچىلىق ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقچى بولدى.

   دالاي بۇ قېتىمقى 12 كۈنلۈك فرانسىيە سەپىرى ھارپىسىدا، جامائەتچىلىككە بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ‹‹دىنىي سەپەر›› بولۇپ، سىياسىيغا چېتىلمايدىغانلىقىنى قايتا – قايتا ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق، ئەمەلىيەت ئۇنىڭ فرانسىيە سەپىرىنىڭ سىياسىي ‹‹ئويۇن›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. دېمەك، بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ ‹‹سىياسىي راھىب›› دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

   فرانسىيىدىكى قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى 13 – ئاۋغۇست پارىژدا ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، دالاي نۇرغۇن سىياسىي ئىغۋا تارقاتتى. ئۇ جۆيلۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ‹‹ئو ت م مەزگىلىدە زاڭزۇلارنى داۋاملىق باستى››، شىزاڭدا ‹‹ھەربىي – ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى››، ‹‹زاڭزۇلارنى قولغا ئېلىپ، دەرھال بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئۆلگىچە دۇمبالىدى››، ئو ت م دىن كېيىن شىزاڭ رايونىغا 1 مىليون خەنزۇ ئاھالىسى يۆتكەشنى پىلانلىدى، دېدى. ئۇ يەنە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن خۇسۇسىي ۋەكىلىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى››نى بىر ياققا قايرىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

   بۇ پىتنە – پاساتلار يەتمىگەندەك، فرانسىيىدىكى ‹‹دۇنيا گېزىتى››نىڭ 21 – ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان دالاينى زىيارەت قىلىش خاتىرىسىدە، كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئۇچۇر يەنە ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە دالاينىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: جۇڭگو ساقچىلىرى 18 – ئاۋغۇست سىچۇەننىڭ گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ‹‹نامايىش قىلغان زاڭزۇلارنى قوراللىق باستۇرۇپ، 140 نەچچە كىشىنى ئۆلتۈردى››.

   پور كۆتەك قانچە يوغان بولسا، شۇنچە ئاسان يېرىلىدۇ؛ يالغان سۆز قانچە كۆپتۈرۈلسە، شۇنچە ئاسان چېنىپ قالىدۇ. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭگودىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ئارقىلىق دەلىللىگەندىن كېيىن، 18 – ئاۋغۇست گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكى، ئاتالمىش ‹‹140 نەچچە كىشى ئۆلدى››، دېيىشنىڭ ئۇچىغا چىققان ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى بايقالدى. دالاي بۇ ئالدامچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، پارىژدىكى ئىشخانىسىدا ‹‹ئايدىڭلاشتۇرۇش باياناتى›› ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى ھەم مۇتتەھەملىك قىلىپ، ‹‹بىز نۇرغۇن زاڭزۇنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، بىراق، تالاپەت ئەھۋالىنى بېكىتىش مۇمكىن بولمىدى››، دېدى.

   تەھلىلچىلەر ئىلگىرى: ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› گۇرۇھى بېيجىڭ ئو ت م نى ۋەقە تۇغدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى كۈچەيتىشتىكى تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت، دەپ قارايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. دالاي بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تۈرلۈك توسالغۇلارنى يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، داغدۇغا پەيدا قىلىپ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش، ھەتتا ئارىلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئالدىراپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇ ئارقا – ئارقىدىن ئالدامچىلىق قىلغان.

   دالاينىڭ فرانسىيە سەپىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تولۇق ئېچىپ بەردى.  دالاي 13 – ئاۋغۇست فرانسىيىدىكى قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاتالمىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئېيتقان ‹‹خەلقئارا جەمئىيەت›› ئاتالمىش ‹‹دېموكراتىيە››، ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق››، ‹‹دىنىي ئەركىنلىك›› ۋە ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش›› قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگوغا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك، دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىدىن پايدىلىنىش سۇيىقەستىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

   بېيجىڭ ئو ت م شانلىق نەتىجە قازاندى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دالاينىڭ يالغانچىلىق بىلەن باشلانغان، يالغانچىلىق بىلەن تولغان فرانسىيە سەپىرى تولىمۇ ساختا ۋە بەتبەشىرە بولدى. بېيجىڭ ئو ت م ئارقىلىق دۇنيا ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان زامانىۋى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەندى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خەلقئارا جەمئىيەتتە، جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىدە دالاينىڭ سىياسىي ‹‹ئويۇنى››غا قىزىقىدىغان تاماشىبىنلار بارغانچە ئازايدى. غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى سىياسىي ئەربابلار دالايدىن بىزار بولدى، قىسمەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ دالاينىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.

   دالاينىڭ مۇقامغا چۈشمىگەن ئويۇنلىرىنىڭ بارغانچە بازار تاپالماسلىقى تاسادىپىيلىق ئەمەس، چۈنكى، ھازىر ئۇنىڭ قىلمىشلىرى يەنىلا بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نىڭ چىقىش يولى، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىستىقبالى يوق. بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستى زاڭزۇ قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دالايغا نىسبەتەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل سەۋر – تاقەت قىلىش، يول قويۇش ۋە سەمىمىيەت كۆرسىتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىگە تولغان يامان يولدىن قايتىشىنى ئۈمىد قىلدى. دالاي بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››، ۋەتەننى پارچىلاش تەشەببۇسى ۋە ھەرىكەتلىرىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىلا، ھەقىقىي چىقىش يولى تاپالىشى مۇمكىن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ