باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنغان قوغۇن – تاۋۇز، كۆكتاتلىرىنىڭ تۈرلىرى 40 خىلدىن ئاشتى
2008- 09- 01 14:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېچىۋېتىلگەن ئون نەچچە چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىدىغان قوغۇن ، تاۋۇز ، كۆكتاتلارنىڭ تۈرلىرى 40 خىلدىن ئاشتى. بۇلتۇرلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىمالدىكى باقتۇ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلىرى 82 مىڭ توننىغا يېتىپ ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.

     57 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتقا تايىنىپ ھەل قىلىنىدۇ ، ئۇ يەرلەردە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكىنىڭ نەچچە ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ ، بولۇپمۇ ھەر يىلى قىش ، ئەتىياز پەسىللىرىدە پەسىلسىز كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئون نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، ھەر يىلى ئېھتىياجدىن ئېشىنغان زور تۈركۈم قوغۇن – تاۋۇز ۋە كۆكتاتلارغا بازار تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان قوغۇن – تاۋۇز ۋە كۆكتاتلار دۆلەت سىرتىغا چىقسىلا باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدۇ.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك مېۋە – چېۋىلىرى ۋە كۆكتات قاتارلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى پائال قوللاش ئۈچۈن، بەزى كارخانىلار ئاپتونوم رايونىمىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە مېۋە – چېۋە ۋە گۆش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قۇردى ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە مېۋە – چېۋە، كۆكتات، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بازارلىرىنى كېڭەيتتى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا ‹‹يېشىل يول›› ئېچىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە تاموژنىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بىر كۈندە بېجىرىشكە ۋەدە بەردى.

     نۆۋەتتە ، پەسىلسىز كۆكتات تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلغان سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىكى — ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى بىر يولى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ئۆز ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان پەرۋىش قىلىش، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ۋە مول كۈن نۇرى بايلىقى، تۇپراق بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان رايونلاردا خەلقئارا بازارلار بىلەن ئورگانىك باغلانغان زىيانسىز كۆكتات، مېۋە – چېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلماقتا، راۋاجلاندۇرماقتا.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ