|
دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئاكسىيە سودا بېرژىسى گۇرۇھى—نيۇيورك پان ياۋروپا ئاكسىيە سودا بېرژىسى گۇرۇھى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %90 كارخانىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى‹‹ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادى ئەھۋالى ئوتتۇرا ياكى بىر ئاز ناچار بولۇشى مۇمكىن››، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ، بىر يىل ئىلگىرىكى %16 لىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ‹‹ ئىقتىسادى ئەھۋال ئانچە ياخشى ئەمەس››، دەپ قاراش نىسبىتى %83 بولۇپ ، بىر يىل ئىلگىرىكى %63 لىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن يۇقىرى بولغان.
بۇ نەتىجە — ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئېنىقسىزلىقلارنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆرسىتىپ بەردى.
پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۇل پاخاللىقى— ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈلگەن قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەر قايسى ئەللەر كىشىنى چۆچۈتىدىغان سانلارنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يىل 6– ئايدا، ئامېرىكىدىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %5 كە يېتىپ، 17 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. بۇلتۇردىن باشلاپ، ئامېرىكىدىكى ئۆي مۈلۈكنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى %16 تۆۋەنلىدى ھەمدە ھازىرغىچە مۇقىملاشمىدى. بۇ يىل 7– ئايدا، ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.7 كە يېتىپ، 4 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. ئىقتىسادشۇناسلار، ‹‹بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى؛ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلىشىشى مۇمكىن ››، دەپ مۆلچەرلىدى.
ئامېرىكىدىن باشلانغان ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى — ياۋروپا ۋە ياپونىيىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل 6– ئايدا، ياۋرو رايونىدىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %4 ئېشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1997–يىلى بۇ تۈر بويىچە سانلىق ماتېرىياللارنى يىغىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. ياپونىيىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىمۇ %1.5 كە يېتىپ، 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمىدى. فېلىپپىندىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %11.4كە، تايلاندىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %8.9كە يەتتى.
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتتى
بۇ بىر قاتار سانلىق مىقدارلارنىڭ كەينىدە تۇرغىنى—ئېغىر يۈككە قالغان دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت. 2008–يىلغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشىغا سەۋەپ بولدى. بەزىلەر ‹‹ دۇنيا ئىقتىسادى پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئاشلىق كىرىزىسىدىن ئىبارەت 3 چوڭ كىرىزىسنىڭ كاساپىتىگە ئۇچرىدى››، دېدى. يەنە بەزىلەر‹‹دۇنيا ئىقتىسادى ئامېرىكىغا باغلىنىپ قالدى››، دېدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ‹‹ ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسى— تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ھېساپلىنىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئامېرىكىدا ئەڭ ئاۋۋال مەسىلە كۆرۈلدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ شۇكى، 2001–يىلى ئىنتېرنېت تورى لەيلىمە ئىقتىسادى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا — ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرمەكچى بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، زىياندە مەبلەغ سېلىش كېلىپ چىقتى، بىر–بىرىگە زىچ باغلانغان دۇنيا ئىقتىسادىمۇ كىرىزىسقا دۈچ كەلدى›› .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:‹‹ برېتتون ئورمىنى سىستېمىسى ( ئامېرىكا دوللىرىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا پۇل سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان) بەرپا قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكا، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىدىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق چىقىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق باشقىلارغا قوماندانلىق قىلماقچى بولدى. ھازىر، پۈتۈن دۇنيا تۈزۈملىشىش ۋە سىجىل بولۇش شەرتى ئاستىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئامېرىكىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا مۇھتاج بولماقتا.
ئىقتىسادتا، پۇل پاخاللىقى ۋە ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئاشماسلىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ يىل 7–ئايدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم بانكىلار كرېدىت ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ، كرېدىت كىرىزىسىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى؛ ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسى پەيدا قىلغان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، دۇنيا ئىقتىسادىدا يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار بار. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى توغرىسىدىكى يېڭى مۆلچەرىگە قارىغاندا، كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە، تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئېشىش مىقدارى يەنىلا يۇشۇرۇن ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر،‹‹بۇ يىل 4–پەسىلدە، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا تەتۈر ئېشىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن›› ، دەپ قارىدى. ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىمۇ ئىقتىسادنىڭ تەتۈر ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە ئىقتىسادىمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۈچ كەلدى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ‹‹ 2002– يىلى 2– ئايدىن باشلانغان ھەمدە 2–دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مەزگىلى ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۈچ كەلمەكتە››، دەپ قارىدى.
پۇل پاخاللىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادغا ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدىغىنى پۇل پاخاللىقى ۋە ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئاشماسلىقى يەنى مال باھاسى ئۆرلىگەن ئەھۋالدا ئىقتىسادنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. بىر قىسىم ئالىملار ‹‹ئامېرىكا مۆتىدىل ھالەتتىكى پۇل پاخاللىقى ۋە ئىستېمال تەلىپى ئاشماسلىققا دۈچ كەلدى›› ، دېدى. يەنە بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ‹‹دۇنيا ئىقتىسادىدىكى پۇل پاخاللىقى ۋە ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئاشماسلىق ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھازىر مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسى ھەل قىلىنمىسا، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى بۇ خىل ھالەتتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ››، دەپ قارىدى.
|