|

خۇ جىنتاۋ يولداش خۇا گوفېڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىماقتا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئىلگىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن يولداش خۇا گوفېڭنىڭ جەسىتى 31 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىكى باباۋشەن ئىنقلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
يولداش خۇا گوفېڭ كېسەل بولۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2008 – يىل 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سائەت 12دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا ۋاپات بولغان، بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەنىدى خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جو يۇڭكاڭ قاتارلىق رەھبەرلەر يولداش خۇا گوفېڭ ئاغرىپ ياتقان مەزگىلدە دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ، ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
31 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ شەرقىي زالى سۈكۈتكە چۆمگەن بولۇپ، قايغۇلۇق ماتەم مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ››يولداش خۇا گوفېڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز‹‹ دېگەن پلاكات، پلاكاتنىڭ ئاستىغا يولداش خۇا گوفېڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش خۇا گوفېڭنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار بىلەن پۈركەنگەن بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.
سائەت 9دا، خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جو يۇڭكاڭ، ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ جىشەن، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ليۇ يۈنشەن، لى يۈەنچاۋ، جاڭ دېجياڭ، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، جۇ روڭجى، لى رۇيخۇەن، سوڭ پىڭ، ۋېي جيەنشىڭ، لى لەنچىڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لو گەن، خې يوڭ، لىڭ جىخۇا، لۇ يۇڭشياڭ، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، لى جيەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، لياڭ گۇاڭليې، ما كەي، مېڭ جيەنجۇ، دەي بىڭگو، ساۋ جيەنمىڭ، دۇ چىڭلىن، بەي لىچېن، چېن كۇييۈەن، لى جاۋداۋ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ روڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، جېڭ ۋەنتوڭ، دېڭ پۇفاڭ، ۋەن گاڭ ۋە ياڭ بەيبىڭ، دىڭ گۇەنگېن، جاڭ ۋەننيەن، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۈەن، ۋاڭ خەنبىن، زو جياخۇا، بۇ خې، تۆمۈر داۋامەت، ساۋ جى، گۇ شيۇليەن، شېڭ خۇارېن، شياۋ ياڭ، جيا چۈنۋاڭ، سوڭ جيەن، سۈن فۇلىڭ، خۇ چىلى، چېن جىنخۇا، جاۋ نەنچى، ماۋ جىيۇڭ، لى گۇيشيەن، شۈ كۇاڭدى، جاڭ بېيشى، لى مېڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى جىنەي، لياۋ شىلۇڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، جىڭ جىيۈەن، ۋۇ شېڭلى ۋە فۇ چۈەنيو قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا مېڭىپ يولداش خۇا گوفېڭنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئۈچ قېتىم تازىم قىلدى ھەم ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ، ھال سورىدى.
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم يولداش خۇا گوفېڭنىڭ ھايات چېغىدىكى دوست – بۇرادەرلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كېلىپ ۋىدالاشتى.
|