باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
% 30 ئاھالە كارتىسىنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدىكەن
2008- 09- 01 10:48 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹نۆل نۇقتا›› تەتقىقات، مەسلىھەت بېرىش گۇرۇھىنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %79.6 تەكشۈرۈلگۈچىدە ھەر خىل ئىستېمال كارتىسى، تەخمىنەن بىر كىشىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.84 كارتا بار ئىكەن؛ بۇ كارتىلار ئىچىدە، قەرز كارتىسى بىلەن كرېدىت كارتىسى ئەڭ كۆپ  ئىكەن؛ ئەمما تەكشۈرۈلگەن %32.5 كىشىنىڭ كارتىسى ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىكەن. 

   كارتىلىقلارنىڭ ئىستېمالدا كارتا ئىشلىتىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولۇپ، تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭ %36.4ى ئىستېمالدا كارتىدىن پايدىلانمايدىكەن، %61.3 ىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا كارتىدىن چىقىم قىلغان ئىستېمال سوممىسى ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسىنىڭ ئاران %27 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ھازىر كىشىلەرنىڭ كارتا ئېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلىتىشى ئاز بولغاچقا، نۇرغۇن بانكا تارقاتقان كارتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۇرغۇن ھالەتتە تۇرىدىكەن.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە باسقۇچلار بويىچە ئىختىيارى نۇسخا ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇلتۇر 9 – ئايدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ۋۇخەن، چېڭدۇ، شېنياڭ، شىئەندىكى 18ياشتىن60ياشقىچە بولغان، مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق 3254 ئاھالە تەكشۈرۈلگەن.

   ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بانكا كارتىسى ئارقىلىق خىراجەت قىلىش تەننەرخى نەق پۇل تۆلىگەننىڭ ئىككىدىن بىرى ياكى ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ بارلىق ئاھالىسى نەق پۇل ئارقىلىق چىقىم قىلىشتىن بانكا كارتىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىشقا يۈزلەنسە، بۇنىڭدىن تېجەپ قېلىنىدىغان تەننەرخGDP نىڭ %1 ىگە باراۋەر كېلىدىكەن. ئامېرىكا ئېلېكترونلۇق چىقىم قىلىش شەكلىنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، ھەر يىلى تەخمىنەن 60 مىليارد دوللار تېجەپ قالغان، ئەنگلىيە 10 مىليارد دوللار تېجەپ قالغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ