باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
سېلىنما سىجىل ئاشتى، چەكلەش يەنىلا مەۋجۇت
2008- 09- 01 10:44 شىنجاڭ گېزىتى

   ھازىر‹‹شىنجاڭ 21 – ئەسىردە ئېلىمىزدىكى مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى›› دېگەن سۆز رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.

    سانلىق مەلۇماتقا نەزەر ئاغدۇرايلى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشىدا نەقلەشكەن مەبلەغ 34 مىليارد 745 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %27.94 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلەغ پۈتكۈل ئىجتىمائىي مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنىڭ %12. 42 نى ئىگىلىدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 142 نۇقتىلىق تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 32 تۈر ئاشتى، ئومۇمىي سېلىنما 2007 – يىلىدىكىدىن 10 مىليارد يۈەن ئېشىپ، بۇ يىل نۇقتىلىق تۈر بويىچە ئەڭ كۆپ قۇرۇلۇش باشلانغان يىل بولدى.

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سەل قارىغىلى بولمايدىغان بەزى مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

بىر قىسىم داڭلىق كارخانىلار باش پۇرسەتكە ئېرىشىشكە ئىنتىلمەكتە

   ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلاردىن يۈزدىن ئارتۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 22 سى، ئېلىمىزدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 62 سى، باشقا داڭلىق كارخانىدىن 62 سى بار ئىكەن.

   دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن ئامېرىكا ‹‹21 – ئەسىر مۇقىم مۈلۈك›› شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلدى. ئېلىمىزدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن ‹‹سەنيى›› گۇرۇھى، گۇاڭدۇڭ ‹‹جۇگۇاڭ›› گۇرۇھى، ‹‹باۋلى›› گۇرۇھى، ‹‹شەرق›› گۇرۇھى، ‹‹شياڭگاڭ تيەنشى›› مەبلەغ سېلىش، پاي كونترول چەكلىك شىركىتى، دۆلەت تورى ‹‹شىنيۈەن›› شامال ئېلېكتر شىركىتى، ‹‹فېڭياڭ›› خەلقئارا كاپىتال گۇرۇھى، ليەنيۈنگاڭ پورتى شەرقى كېچىك كرېمنىي كاربىد كەسپى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارمۇ دىيارىمىزغا ‹‹ قەدەم تەشرىپ›› قىلدى.

    بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ‹‹جۇڭجى›› ئاپتوموبىل گۇرۇھى 10 مىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى بويىچە قۇرۇلۇش باشلىدى، بۇ كارخانا 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۇنيادىكى ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى باكسىمان ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدى. يېڭى ئېنېرگىيە باشلامچى كارخانىسى بولغان ‹‹خۇانېڭ›› گۇرۇھى تۇرپان، قۇمۇل، سانجى، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا نەچچە 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شامال، سۇ ۋە ئوت ئېلېكتر بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى بويىچە دەسلەپكى قۇرۇلۇشنى باشلىدى. جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بېرىللىي قاتارلىق قىممەتلىك مېتال قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشقا 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ 50 مىليون يۈەنلىك مەبلىغى ئەمەلىيلەشتى. شەنشى ‹‹دوڭلىڭ›› گۇرۇھى ئالتاي رايونىدا قوغۇشۇن – سىنك كېنى ئېچىشقا 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش، تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 16 چوڭ كارخانا، گۇرۇھ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە، مېتال تاۋلاش، قېزىلما بايلىق، نېفىت  خېمىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ساياھەت، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغان.

   چوڭ كارخانا، گۇرۇھلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا  كېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زور ھاياتىي كۈچ بەخىش ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا.

سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە تەكشىسىزلىك كۆرۈلدى

   شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئېشىۋاتقاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىشى ئانچە تەكشى بولمىدى.

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش، تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياۋ جيەنشىن مۇنداق دېدى: مەبلەغ جەلپ قىلىش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بايلىق ئېچىش تۈرلىرى ھازىر مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاساسىي گەۋدىگە ئايلاندى، باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش تېخى كۆلەملەشمىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزغا سىرتتىن كىرىپ ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ  ئىچىدە 1 – كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 595 مىليون يۈەن، 2 – كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ 27 مىليارد 781 مىليون يۈەن، 3 – كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ 5 مىليارد 369 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلار ئايرىم  –  ئايرىم ھالدا ئەمەلىيلەشكەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ  % 59. 4 ى،  %96. 75 ى، %15.45ىنى ئىگىلىدى. دېمەك، ياساش كەسپى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

   كىرگۈزۈلگەن مەبلەغنى ئىشلىتىش جەھەتتىن قارىغاندا، چوڭ كارخانا،گۇرۇھلار مەبلەغ سالغان چوڭ تۈرلەر، ئاساسلىقى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي بەلۋاغقا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى – سانجى رايونىغا مەركەزلەشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، نېفىت، نېفىت خىمىيەدىن باشقا تۈرلەر بويىچە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 9 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 5 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 2 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا سىرتقى ئۆلكىلەردىن جەلپ قىلىنىپ ئەمەلىيلەشكەن ئومۇمىي سوممىنىڭ %54، %30، %16ىنى ئىگىلىدى.

   ئۇنىڭدىن باشقا، كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ مەنبىئىدىن قارىغاندا، شەرقىي قىسىم رايونى، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونى يەنىلا ئاساسىي مەبلەغ مەنبئىى بولماقتا. ھالبۇكى، جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدىن سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

   ياۋ جيەنشىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى  يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، جايلار، تارماقلار جانلىق خىزمەت ئۇسۇلى ۋە مۇلازىمەت ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، سېلىنما مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئىناۋىتىگە يۈكسەك دىققەت قىلىشقا، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

چوڭ كارخانا، گۇرۇھلارنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دا بېكىتىلگەن نىشانى بويىچە، سانائەتنىڭ  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ھەر يىلى بىر پىرسەنت پوئىنت ئاشۇرۇش، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنى% 17كە يەتكۈزۈش، 2010 – يىلىغا بارغاندا، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 220 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، سانائەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسبىتىنى %40كە يەتكۈزۈش بەلگىلەنگەن. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، سانائەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە تۈرتكە بولىدىغان ئەۋزەل كەسىپلەرنى جىددىي راۋاجلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 

   شۇڭا چوڭ كارخانا، گۇرۇھلارنى جەلپ قىلىشنى ئاساس قىلىپ، چوڭ كارخانا،گۇرۇھلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە كارخانىلارنىڭ ھالقىش خاراكتېرىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ كارخانا، گۇرۇھلار تەرەققىياتىنى قوللاش خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى تۈزۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ ئورۇنلاشقان دۆلەت چوڭ كارخانىلىرىنىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئېلىمىزدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن پۇقراۋى كارخانىلارنىمۇ باشقۇرۇش كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا ئەتراپلىق ياردەم ۋە مەدەت بېرىش كېرەك.

  چوڭ كارخانا، گۇرۇھلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش جەريانىدا يولۇقىدىغان زور توسالغۇلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، ‹‹سودىگەرلەرگە يېقىنلىشىش، سودىگەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سودىگەرلەرگە نەپ يەتكۈزۈش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خېرىدار چاقىرىش تارماقلىرى مۇلازىمەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلىش كاتولوگى››نى تېزدىن مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارغا يېتەرلىك مۇلازىمەت قىلىش، سۈپىتى ياخشى مەبلەغ سېلىش تۈرى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ