باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئۆي–زېمىن كەسپىدە زور پايدا ئالىدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى
2008- 09- 01 10:41 شىنجاڭ گېزىتى

    دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان مەلۇماتتا: ھازىرقى ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، سىياسىي قاتلام ياكى ئېھتىياج قاتلىمى ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىنى قوللىمايدۇ، ئۆي – زېمىن كەسپىدە زور پايدا ئالىدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى. ئېلىمىزدە ئۆي باھاسى ئۇدا ئون يىل ئۆرلىگەندىن كېيىن، پەسكويغا چۈشتى، دېيىلدى.

    ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئايمۇ ئاي تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەنلەش پەرقى بەك چوڭ بولمىدى. سۇس بازار شارائىتىدا، ئۆي – زېمىن تىجارەتچىلىرى مەبلەغنى خەزىنىلەشتۈرۈش بىلەن پايدا ئېلىش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى تەكشىلىك نۇقتىسىدا ئىزدىنىشى كېرەك، دۇنيادا باھاسى ئۆرلەپ تۆۋەنلىمەيدىغان تاۋار بولمايدۇ.

    ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 1 –  ئايدىن 5 – ئايغىچە، نۇقتىلىق 40 شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سودا پۈتۈشۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ۋە ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %24.9 ، %20.9تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى  ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن.

    ھايانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، مەركىزىي بانكا، بانكىچىلىقنى باشقۇرۇش كومىتېتى قوشۇلما ئۆسۈم ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆي – زېمىن سودىگەرلىرى بىلەن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا كرېدىت ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، قەرز ئېلىش شەرتلىرىنى ئۆستۈرۈپ، ھايانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ يىل 1 – ئايدا گوۋۇيۈەن يەنە ‹‹يەرنى تېجەپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى ئېلان قىلىپ، ئىككى يىل ئىشلىتىلمىگەن يەرلەرنى ھەقسىز قايتۇرۇۋالدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەركىزىي بانكا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، يېرىم يىلدا خەلق پۇلىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى بەش قېتىم تەڭشىدى، بۇ ئۆي – زېمىن سودىگەرلىرىنىڭ قەرز ئېلىشىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقى، مەبلەغ كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ تارايغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

    دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەلۇماتىدا مۇنداق دېيىلدى: بىر خىل تاۋارنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى ئاساسىي باھادىن ياكى خەلقنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىدىن بەك چەتنەپ كەتسە، ئۇنىڭ ئەسلىگە قايتىشى مۇقەررەر، ئۆي – زېمىن كەسپى بازىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەملىكەت بويىچە 65 مىڭ شەھەر –  بازار ئاھالىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەھەر –  بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %3. 6 بولۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن بەكلا تۆۋەن بولغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ