|
. روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن 28 – ئاۋغۇست ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو ۋە ھىندىستان قاتناشمىغان ‹‹سەككىز دۆلەت گۇرۇھى›› مۇكەممەل گۇرۇھ ھېسابلانمايدۇ، دېدى. سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە روسىيىدىن تەشكىللەنگەن.
. گرۇزىيە پارلامېنتى 28 – ئاۋغۇست ۋاقىتلىق چاقىرىلغان يىغىندا بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ روسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 29 – ئاۋغۇست خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى شەيىخ ئەختەر 28 – ئاۋغۇست: ئىراننىڭ ناتالىنزدىكى ئۇران قويۇلدۇرۇش بازىسىدا 4000 مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئىشلەۋاتىدۇ، دېگەن.
. روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن 28 – ئاۋغۇست ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: روسىيە ئامېرىكىنىڭ 19 توخۇ گۆشى كارخانىسىنىڭ روسىيىگە توخۇ گۆشى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەيدۇ، دېدى.
. تايلاند ھۆكۈمەتكە قارىشى خەلق سىياسىي تەشكىلاتى ––– خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ قوللىغۇچىلىرى 29 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى خاتيەي، پۇكېت ۋە كرابى قاتارلىق ئۈچ ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلىپ، دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ پايتەختى باڭكوكتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشىغا ماسلاشتى.
. تايلاند زۇڭلىسى شاما 30 – ئاۋغۇست نامايىشچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئىستېپا بەرمەيمەن، دېدى.
. ئاقساراي باياناتچىسى پېرىنو 29 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، گرۇزىيە بىلەن روسىيە ئارىسىدا ئېغىر ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن، ئامېرىكا گرۇزىيىنىڭ روسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىدىن ‹‹ھەيران قالمىدى››.
. فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇشنېر 29 – ئاۋغۇست فرانسىيە روسىيە بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھازىر گرۇزىيە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن روسىيىنى جازالاشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، دېدى.
. روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن 29 – ئاۋغۇست روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سوچى شەھىرىدە گېرمانىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا روسىيە بىلەن گرۇزىيىنىڭ توقۇنۇشى مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللاندى، يەنە كېلىپ ئامېرىكىغا ئەگەشتى، دېدى.
. پاكىستان سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان تىزىملىككە ئاساسەن، خەلق پارتىيىسىنىڭ نامزاتى، بۇ پارتىيىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى زەردالى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شېرىپ گۇرۇھى) نىڭ نامزاتى، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئالىي باش سودىيىسى سىدىق، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (داھىيلار گۇرۇھى)نىڭ نامزاتى، بۇ پارتىيىنىڭ باش كاتىپى مۇساھىدتىن ئىبارەت ئۈچ نامزات 6 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن.
|