باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى100مىليون يۈەندىن ئاشتى
2008- 09- 01 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

   8 –  ئاينىڭ 20 – كۈنىگە قەدەر، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ  شۆبىسىنىڭ ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى 104 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئەمەلىي ياراتقان پايدىسى 18 مىليون يۈەنگە يەتتى.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ بانكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىردىنبىر پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولۇشتەك رولى ھەم ئوخشاش ساھەدىكىلەر ئارىسىدىكى ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇستەقىل سېتىش ئىمتىيازىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،  بانكىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى 18 تىجارەت نۇقتىسىدا 4 –  ئايدىن باشلاپ، ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دولقۇنىنى قوزغىدى. ئۇلار  ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا يەتكۈزۈلۈش مەزگىلىدە ‹‹قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش›› باش تېما قىلىنغان ئولىمپىك مەشئىلى خاتىرە مېدالىنى مەخسۇس سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.  6 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە، ئولىمپىك چېمپىيونى، جۇڭگودىكى تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى لو شۆجۈەننى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋە شىخەنزىدە ‹‹بىر ئۆمۈر ئامەت يەتكۈزۈش›› تېمىسىدىكى بېيجىڭ 2008 – يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش خاتىرە مېدالى تارقىتىش – ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،  ئابونىچىلارنىڭ ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرخىل شەكىلدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ