|
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ 3 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 28 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى لۇ يۇڭشياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ يىل قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانىدى. بۇ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 6 – ئايدا بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئۈچ ئۆلكە، ئىككى ئاپتونوم رايونغا بېرىپ تەكشۈردى ھەم ئالتە ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ئۆز مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدە تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپ لى جيەنگو يىغىنغا بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى سۈن جېڭسەي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يېقىنقى بىر قانچە يىللىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئامالنىڭ بارىچە ئاشۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل تۆۋەندىكى خىزمەتلەر نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىنىدۇ. بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىش؛ ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكى پەن – تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، چىقىمىنى ئازايتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۆتىنچى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى كۈچەپ ئورنىتىش؛ بەشىنچى، دېھقانلارنى كۆپ خىل يوللار بىلەن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك – مۇلازىمەت كىرىمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش؛ ئالتىنچى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان تاشقى شارائىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش؛ يەتتىنچى، يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش؛ سەككىزىنچى، يېزا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تۈزۈلمە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ جاۋگو، ئويۇنچىمىگ، خەن چىدې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جۇ تيېنۇڭ، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ساڭ گوۋېي يىغىنغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭجۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
|