باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4–يىغىنىنىڭ 2–قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 08- 29 12:06 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ 2 – قېتىملىق ئومومىي يىغىنى 27 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2007 – يىللىق مەركەز نەقچوتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2007 – يىللىق مەركەز خام چوتىنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە  – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2007 – يىللىق مەركەز نەقچوتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

   كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا قاتناشتى. مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋاڭ جاۋگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن: لۇ يۇڭشياڭ، ئۇيۇنچىمىگې، خەن چىدې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جۇ تيېنۇڭ، لى جيەنگو، ئىسمايىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، چېن چاڭجى، يەن جۈەنچى، ساڭ گوۋېي يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ،  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭجۈن،  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ