باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى
2008- 08- 29 12:02 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا: ‹‹ۋېنچۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئومۇمىي پىلانى›› قاراپ چىقىلدى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ 24 – يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىسلاھات – تەرەققىيات كومىتېتى ‹‹ۋېنچۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئومۇمىي پىلانى›› توغرىسىدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكىلەردىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەردىن ئاشكارا پىكىر ئالدى ھەم ھەر قايسى تەرەپنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ئومۇمىي پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئاساسىي پرىنسپى، قايتا قۇرۇش نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. ئومۇمىي پىلان ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، گۈزەل يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى رولغا ئىگە.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئومۇمىي پىلاندا ئۈچ يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئاپەتتىن ئىلگىرىكى سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇش نىشانىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ ئاساسىي  ۋەزىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1. بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىلانلانغان رايوندىكى زېمىننى لايىقىدا قايتا قۇرۇش، مۇۋاپىق قايتا قۇرۇش، ئېكولوگىيىلىك قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىش ھەم بۇ ئۈچ تۈر بويىچە قۇرۇلىدىغان رايوندا شەھەر – يېزا، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي پرىنسىپىنى ئايرىم – ئايرىم  ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. 2. شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە ئىستېمالىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش تەلىپى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. 3. ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە شەھەر – بازارلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ،ئۇلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. 4. شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلارنى يۆلەش، ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە قايتا قۇرۇپ، سۈپەتلىك ئاشلىق، ياغلىق دان، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى قۇرۇش كېرەك. 5. شەھەر، يېزىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە نوپۇس كۆلىمىگە ئاساسەن، مائارىپ، پەن – تەتقىقات، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، تەبىئىي مىراس، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 6. گېئوجۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، قاتناش، ئالاقە، ئېنېرگىيە، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. 7. ئاپەتكە ئۇچرىغان كارخانىلارنى ئەسلىي جايىدا قايتا قۇرۇش، باشقا جايدا قايتا قۇرۇش ياكى تاقاش، توختىتىپ قويۇش، قوشۇۋېتىش، ئۆزگەرتىشكە مۇۋاپىق يېتەكلەش، خاس ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاش كېرەك. 8. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 9. تەبىئەتكە، قانۇنىيەتكە، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىتنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 10. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ ئاكتىپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تارىخىي قىممەتكە، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش كېرەك.

   پىلاندا مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يەر كەسىپلىرى، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش جەھەتتىكى سىياسەت، تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مەبلەغ، تۈر ۋە مۇھىم ئەشيالارنى نازارەت قىلىش –  باشقۇرۇش  توغرىسىدا كونكېرت بەلگىلىمە چىقىرىلدى.    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ