باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
بىنەزەر بوتتونىڭ ئېرى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بولدى
2008- 08- 29 11:56 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇشۇ ئاينىڭ 23– كۈنى، پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى بىنەزەر بوتتونىڭ ئېرى زەردالىنىڭ خەلق پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.     

     نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى قوبۇل قىلىش

     پاكىستان زۇڭتۇڭ سايلىمى 9– ئاينىڭ 6–كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى رازا رابانى مۇشۇ ئاينىڭ 23–كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ‹‹خەلق پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بىردەك زەردالىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىغا قوشۇلدى. زەردالى ئەپەندىمۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى قوبۇل قىلدى›› ، دېدى.

     بىنەزەر بوتتو بۇلتۇر 12–ئايدا سايلام يىغىلىشىغا قاتنىشىۋاتقاندا قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، زەردالى خەلق پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى. رابانى مۇنداق دېدى: ‹‹خەلق پارتىيىسىنىڭ زەردالىنى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا كۆرسىتىشىدە، بىنەزەر بوتتونى خاتىرلەشتىن ئىبارەت سەۋەپمۇ بار›› .

    خەلق پارتىيىسى— پاكىستان پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىغا تەۋە . زۇڭتۇڭ مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئىتتىپاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى.

    رابانى مۇنداق دېدى: ‹‹خەلق پارتىيىسى زەردالىنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مەسىلىھەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغانلىقىدىن تولىمۇ خوشال ›› .

   ھازىرغىچە، سىياسىي ساھەدىكى باشقا زاتلار زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئويى بارلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

     ئىتتىپاق كىرىزىسى

     مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئىلگىرى زەردالىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا پىكىر قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ‹‹كەلگۈسى زۇڭتۇڭ ھازىرقىغا ئوخشاش پارلامېنتنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھوقوقىغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك ›› ،دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ئىدى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى فەرۇخ مۇشۇ ئاينىڭ 23– كۈنى مۇنداق دېدى: ‹‹زەردالىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش– قاتناشماسلىقى خەلق پارتىيىسىنىڭ قارارى بولۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كەلگۈسىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ مۇشەررەفكە ئوخشاش ھوقوققا يەنى ئاساسلىقى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقوقىغا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىدىغىنىمىز ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سودىيىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنىدىن ئىلگىرى تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز›› .  

     بۇلتۇر 11– ئايدا، مۇشەررەف ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 سودىيىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولۇپ، بۇ سودىيىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش– كەلتۈرمەسلىك — خەلق پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تالاش- تارتىش پەيدا قىلدى. مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ناۋاز شېرىف ئىلگىرى تەھدىت سېلىپ، ‹‹ ئەگەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئاينىڭ 22–كۈنىدىن ئىلگىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىردەكلىككە كېلەلمىسە، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ››، دېگەن ئىدى. كېيىن، ناۋاز شېرىف بۇ ۋاقىت چېكىنى مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنىگە سۈردى.

   زۇڭتۇڭنىڭ ھوقوقىغا چەك قويۇش ۋە سودىيىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە، خەلق پارتىيىسى ناۋاز شېرىف رازى بولغۇدەك جاۋاپ بەرمىدى. رابانى مۇنداق دېدى: ‹‹سودىيىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە گەپ يوق. ئەمما، ھازىرلا ۋاقىت جەدىۋىلى بېرەلمەيمىز. زۇڭتۇڭنىڭ ھوقوقىغا چەك قويۇش– قويماسلىق مەسىلىسى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن ھەل قىلىنىشى كېرەك ›› .  

    زوراۋانلىق تەھدىتى

     سىياسىي پارتىيىلەر ئارىسىدىكى تالاش–تارتىشتىن باشقا، پاكىستان يەنە بازا تەشكىلاتى بىلەن تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى.

     بىر قانچە كۈندىن بۇيان، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەركىتى كۆپىيىپ، ئارقا–ئارقىدىن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھوجۇملىرىنى پەيدا قىلدى.

    مۇشۇ ئاينىڭ 21– كۈنى، پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى مۇھىم ھەربىي نۇقتا بولغان ۋاخ بازىرىدىكى بىر قورال–ياراغ زاۋۇتىنىڭ ئالدىدا ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھوجۇمى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 70 ئادەم ئۆلدى، 100دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. پاكىستاندىكى تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

     مۇشۇ ئاينىڭ 23– كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرىسىغا جايلاشقان سۋات دەرياسى جىلغىسى رايونىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى ئاپتوموبىل بومبا ھوجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قانچە ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىن ئەتراپتىكى بىر كەنتتە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

     تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى سېلىمخان ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، ‹‹ پاكىستان ئارمىيىسى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىگە ھوجۇم قىلىشنى توختاتمايدىكەن، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى تېخىمۇ كۆپ ھوجۇم قوزغايدۇ›› دېدى.

     پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەھدىتى سەۋەپلىك ئۆز ھەركىتىنى توختاتقىنى يوق. مۇشۇ ئاينىڭ 23–كۈنى، ئۇلار سۋات دەرياسى جىلغىسىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 37 ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ