باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلەنمەكتە
2008- 08- 29 11:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى مۇدىرىيىتىنىڭ 8–قېتىملىق يىغىنى 28 – ئاۋغۇست تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەھلىلچىلەر ‹‹بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچىرىشىش يىغىنى بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم يىغىن بولۇپ قالىدۇ››، دېدى . 

     2001–يىلى 6–ئاينىڭ 15–كۈنى، ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 6 دۆلەت جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبىكىستان رەھبەرلىرى شاڭخەيدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىغان ئىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچكى جەھەتتە ‹‹ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، تۈرلۈك مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش›› تەك شاڭخەي روھىغا ئەمەل قىلىپ، سىرتقا قارىتا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، باشقا دۆلەت ۋە رايونغا قارىتا ئېچىۋېتىش پىرىنسىپىنى يولغا قويماسلىققا ئەمەل قىلماقچى بولدى.

     7 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزىمغا ئايلىنىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. 2007– يىلى، 6 دۆلەت باشلىقلىرى بېشكەكتە‹‹ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىناق، دوستانە ھەمكارلىشىش ئەھدىنامىسى›› نى ئىمزالاپ، ‹‹ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، مەڭگۈ تىنچىلىقنى قوغداش›› ئىدىيىسىنى قانۇنىي شەكىلدە بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن،‹‹شاڭخەي روھى ››كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ سىڭىپ كىردى. قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئېرمىكبايېف مۇنداق دېدى:‹‹ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بەرپا قىلغان يېڭىچە دۆلەت مۇناسىۋەت ئەندىزىسى پۈتكۈل رايوننىڭ كەلگۈسى قىياپىتىنى بېكىتتى›› .  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمايدۇ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئائىلىسىغا ئايلىنىدۇ.

     شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ئاخىرى مۇھىم بۇرچ دەپ بىلدى. 2006–يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ،‹‹ئۆز – ئارا ئىشىنىش، ئۆز– ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش›› شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىخچام تەسۋىرلىگەن‹‹يېڭىچە يەر شارى بىخەتەرلىك رامكىسى›› نىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇكەممەل ئاساسىي ئېڭى ۋە ئەڭ مۇھىم ھەرىكەت مىزانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى باقىيېف مۇنداق دېدى:‹‹ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورىزىم، بۆلگۈنچىلىك، ئېكىسترىمىزم شۇنداقلا تەشكىللىك دۆلەت ھالقىغان جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچىلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى›› .

    2003–يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمىتى باشلىقلىرى يىغىنىدا ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادى ھەمكارلىق پروگراممىسى›› ئىمزالاندى، بۇ مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ئىقتىساد بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نوقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوقەتچىلەر كومىتېتى بىلەن بانكا بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇشتا  مۇھىم قەدەمنى باستى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ موڭغۇلىيە، پاكىستان، ئىران، ھىندىستاننى كۈزەتكۈچى دۆلەتلىككە قۇبۇل قىلدى ھەمدە ئافغانىستان بىلەن ئالاقە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن كۈزەتكۈچىسى ئورنىغا ئېرىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي مۇدىرىيىتى، شەرقىي –جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى قاتارلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورناتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى بارغانسىرى ئاشماقتا.

    پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۈشەنبىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا، 6 دۆلەت باشلىقلىرى مۆلچەرلىنىشچە ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەتلىشىش شىرىكچىلىك نىزامى›› غا ئىمزا قويىدىكەن. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2004–يىلى كۈزەتكۈچىلەر مېخانىزىمىنى ئورناتقاندىن بۇيان، تاشقى سودا ساھەسىدە قوللانغان يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالغان. دېمەك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلەنمەكتە .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ