|
ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 23– كۈنى تاڭ سەھەردە، ئامېرىكىدىكى دېموكىراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىللىنوئىس شتاتى فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئوباما، دېلاۋارې شتاتى دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، كېڭەش پالاتا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىدېننى ئۆزىنىڭ سايلام شېرىكى قىلىپ تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىككى ئايغا سوزۇلغان مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتى سىرى ئاخىرى يېشىلدى. ‹‹ئوباما– بىدېن گۇرۇپپىسى›› باشقىلار ئويلىمىغان يەردىن چىقمىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەر يەنىلا ئاخباراتتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
مۇشۇ ئاينىڭ 22–كۈنى يېرىم كېچىدە، ئوباما ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆزىنىڭ بىدېننى تاللايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئارلىقتىن بىر قانچە سائەت ئۆتمەي، يەنى مۇشۇ ئاينىڭ 23– كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 3 تە، ئوبامانىڭ سايلام تور پونكىتى بۇ قارارنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ سايلام گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە يانتېلېفون قىسقار ئۇچۇرى ئارقىلىق قوللىغۇچىلارغا بۇ خەۋەرنى ئۇقتۇردى. ئوباما بىدېننى ‹‹دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە تەجرىبىگە ئىگە، پارتىيە ھالقىغان ھەمكارلىق نەتىجىسى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، مىجەزى تۈز››، دەپ ماختىدى ھەمدە ‹‹ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سايلامغا قاتنىشىش مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالدى، بىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج››، دېدى.
ئۇقتۇرۇشتا، ‹‹ئوباما بىلەن بىدېن مۇشۇ ئاينىڭ 23–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىللىنوئىس شتاتىنىڭ مەركىزى سپرېنگفېيلىد شەھىرىدىكى ئىللىنوئىس شتاتلىك پارلامېنت بىناسىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام يىغىلىشىغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ››، دېيىلدى. ئۇ يەر ئوباما 19 ئاي ئىلگىرى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان جاي ئىدى. كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، بىدېن مۇشۇ ئاينىڭ 27– كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلىدىغان دېموكىراتلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق نامزاتىغا رەسمىي كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە دېپلوماتىيە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ.
روسىيە–گرۇزىيە توقۇنۇشى— بىدېننى ئوتتۇرىغا چىقاردى
ئوبامانىڭ بۇ قارارى— ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىن بەس–مۇنازىرىسىگە سەۋەپ بولدى. ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى، ‹‹ئوباما بىدېننى ھەمراھ قىلىپ تاللاشتا، ئۇنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغانلىقى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مول تەجرىبىسىنى نەزەرگە ئالغان›› دەپ قارىدى. بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن بىدېن 1972–يىلى فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئەينى يىلى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى ماككايندىن ئۇزۇن بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى، بىدېن ھازىر كېڭەش پالاتا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. بۇ نۇقتا—ياش ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە تەجرىبىسى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق. ‹‹ ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى›› دە، ‹‹بىدېننىڭ تاللىنىشى—ئوباما ۋە ئۇنىڭ سايلام سېپىدىكىلەرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بۇ يىل كۈزدىكى زۇڭتۇڭى سايلىمىنىڭ يادرولۇق تېمىسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ››، دەپ قارالدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ‹‹بىدېن ئەينى ۋاقىتتىكى چېنىينىڭ بۇشقا يار– يۆلەكتە بولغىنىغا ئوخشاش، ۋاشىنگتوننىڭ ئىنچىكە ئىشلىرى بىلەن ئانچە تۇنۇشلۇق بولمىغان ياش زۇڭتۇڭنىڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ››، دەپ مۆلچەرلىدى.
بىر قىسىم سىياسىي كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹بىدېننىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى—يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيانقى ئامېرىكا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىر تەرەپتىن، ماككاين سېپىدىكىلەر سايلام ئىستراتېگىيىسىنى تەڭشەپ، ئوباماغا قاراتقان ھوجۇمنى كۈچەيتتى ھەمدە ئىقتىسادى سىياسەت جەھەتتە پائال شەرھىلەش ئېلىپ بېرىپ، بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. يەنە بىر جەھەتتىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولدى، پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتى ئۆزگەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا ماھىر بولغان ماككايننى تېخىمۇ كۆپ نۇمۇرغا ئىگە قىلدى. خەلق رايىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىگە قارىغاندا، ماككايننىڭ مەملىكەت بويىچە قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى يەنىمۇ ئېشىپ، ئوباما بىلەن بولغان پەرقى كىچىكلىگەن بولغاچقا، ئوباما سېپىدىكىلەر قەتئىي سەل قارىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا بېرىپ قالدى. ئوباما ھەرگىزمۇ كاللىسى قىزىپ كەتكەنلىكتىن بىدېننى تاللىغان ئەمەس، بىدېننىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى بۇ قېتىمقى روسىيە – گرۇزىيە توقۇنۇشىدا ھەقىقىي گەۋدىلەندى. رۇسىيە ۋە گرۇزىيە ھەر ئىككى تەرەپ بىدېننىڭ ماسلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن، ماككاين سېپىدىكىلەرنىڭمۇ كۆزى قىزىرىشقا باشلىدى›› .
بىدېن ئىلگىرى ‹‹ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتى يوق››، دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى
ئەمما، ئوبامانىڭ بىدېننى تاللىشىنى ‹‹خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئەمەس ››، دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئالدى بىلەن، دېموكىراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ ھەر ئىككىلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، مەمۇرىي تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش— ئۇلارنىڭ ئەجەللىك كەمچىلىكى ھېساپلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بىدېننىڭ ئامېرىكا ئاۋام پۇقراسى ئارىسىدىكى نام– ئابرويى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، سىياسىي ساھەدە داڭقى چىققان ‹‹قۇرۇق گەپ ساتار›› ھېساپلىنىدۇ. كۆپ يىللىق دۆلەت مەجلىسى ھاياتى ئۇنىڭدا قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئىستىلنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئىككى قېتىملىق زۇڭتۇڭ نامزاتىنى تالىشىشتا مەغلۇپ بولغان ئىدى .
بۇنىڭدىن باشقا، بىدېننىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى قارىشى ئوبامانىڭ قارىشى بىلەن ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. 2002– يىلى، بىدېن ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشقا قوشۇلغان ئىدى. ئوباما بولسا باشتىن–ئاخىر ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئەمما، 2002– يىلدىن كېيىن، بىدېن ئىراق ئۇرۇشىنى قەتئىي تەنقىد قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
بۇ يىل ئېلىپ بېرىلغان ئالدىن تاللاش تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، بىدېن ‹‹ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتى يوق ›› ، دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى. ئوباما سايلام ھەمراھىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ماككاين سېپىدىكىلەر ئىنكاس بىلدۈرۈپ،‹‹ھېچكىممۇ بىدېنغا ئوخشاش ئوبامانىڭ تەجرىبىسىزلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىمىگەن ئىدى، كىشىلەر بىدېننىڭ قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئوباما زۇڭتۇڭ بولۇشقا تەييارلىق قىلىپ بولالمىدى››، دېدى.
ئەمما، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹ۋاشىنگتوندا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئوبامانىڭ ئەڭ ئاخىرىدا 35 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان پېشقەدەم سىياسەتۋاز، ۋاشىنگتون چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئادەمنى سايلام ھەمراھى قىلىپ تاللىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسىنىڭ يوقلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.‹‹ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگىنتلىقى››، ‹‹ئوبامانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتى توغرىسىدىكى تاللىشى—ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئىرادىسىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوبامانىڭ ‹‹سايلامدا غەلبە قىلىش— ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ››، دەيدىغان سىياسىي ئادەتتىن قۇتۇلالمىغاندەك قىلىدۇ›› ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
‹‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى›› مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ بېكىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئوبامانىڭ سايلام ھەركىتىمۇ ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئەگەر تەساددىپىي ئەھۋال كۆرۈلمىسە، ئوباما ۋە بىدېن كېلەر ھەپتىنىڭ بىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان دېموكىراتلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلىپ، ئاقسارايغا رەسمىي ھوجۇم قوزغايدۇ›› .
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرەپتىن ئېيتقاندا، ماككاين ئەڭ تېز بولغاندا مۇشۇ جۈمە كۈنى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتىنى ئېلان قىلىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، دېموكىراتلار پارتىيىسىنىڭ تاللىشىنى بىلگەندىن كېيىن، ماككاين كېيىن قول سېلىپ ھوجۇم قىلالايدىغان بولىدۇ. نۆۋەتتە، ماككاين سېپىدىكىلەر بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرگىنى يوق. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى پارتىيىنىڭ زۇڭتۇڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، 2008–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ.
|