باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
پاكىستاندا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەممىدىن مۇھىم
2008- 08- 29 11:41 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      مۇشەررەف مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى پاكىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، پاكىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى نىسبەتەن تىنچ بولدى. نۆۋەتتە، پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ ئىلگىرىكى داۋالغۇش ھالەتتىن تىنچلىنىشقا يۈزلەندى، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت يەنىلا پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى يۈزلىنىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى— پاكىستاندا يەنىلا ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى.  

       پاكىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، پاكىستان زۇڭتۇڭى ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە يېڭى زۇڭتۇڭ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگىچە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۆتەيدۇ، دەپ بەلگىلەن. لېكىن، مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ھازىرقى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سۇمۇرونىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۆتەپ تۇرۇشىغا، پاكىستان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاق يەنىلا ئوخشىمىغان پىكىردە بولدى. كىمنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشى، كەلگۈسىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پاكىستان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ھەتتا پاكىستاندىكى ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلار ئارىسىدا نۆۋەتتە ئوخشاشمىغان تۈرلۈك پىكىر ۋە تەشەببۇسلار بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن مۇشەررەفنىڭ كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىشىمۇ پاكىستان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقنىڭ قارار چىقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پاكىستاننىڭ مۇقىملىشىپ قالغان سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا چېتىلىدۇ. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىپ قالسا، سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ياكى كەلگۈسىدىكى داۋالغۇشقا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.

    مەسىلىسى، ئالايلۇق، پۇلنىڭ پاخاللىشىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىش قاتارلىقلار، ھەممىسى پاكىستان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقنىڭ ھەل قىلىشىغا مۇھتاج. پاكىستان خەلقى بۇ جەھەتتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقنىڭ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پاكىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە تېررورلۇق ھوجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى، بولۇپمۇ، مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەننىڭ ئىككىنچى كۈنى، غەربىي شىمالدىكى چېگرا ئۆلكىسىدە يەنە بىر قېتىم تېررورلۇق ھوجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 26 ئادەم قازا قىلىپ، 35 ئادەم يارىلاندى. ئەگەر سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولمىسا، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە پاكىستاندىكى تېررورلۇق كۈچلىرىنى يۇقىتىش تەسكە توختايدۇ، ھەتتا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     پاكىستان 170 مىليون ئاھالىگە ئىگە ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ. پاكىستان يادرو قۇرالى ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولۇپ، يەنىلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پاكىستاننىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ تەسىرىنى ئالىبۇرۇنلا ئۆز دۆلىتى تەۋەلىكىدىن ھالقىتتى، پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۆز تىكىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، ‹‹خەلقئارا سىياسىي ئىشلاردا پاكىستاننىڭ سىياسىي مۇقىملىقى قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە››، دەپ قارالدى.

    ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان پاكىستان دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك رادىكال ۋە دۇشمەن كۈچلەردىن ھۇشيار بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ كىشىلەر پاكىستان ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى خالاپ كەتمەيدۇ، شۇڭا، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھەرگىزمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىقى كېرەك.

      نۆۋەتتىكى پاكىستان ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئاچقۇچلۇق مەسىلە —پاكستان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاق بىلەن باشقا پارتىيە–گۇرۇھلار ۋە سىياسىي كۈچلەر  ئاداۋەت ساقلىماي، ھوقۇقنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە. پەقەت ھەر قايسى پارتىيە –گۇرۇھلار دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانغاندا، ئاندىن داۋالغۇش ئامىللىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ھەمدە كېيىنكى قەدەمدە ئىقتىسادى تەرەققىياتنى تېزلىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

      پاكىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتمۇ پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشى كېرەك، چۈنكى پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇش–بولماسلىقى ئۆز دۆلىتىگە چېتىلىپلا قالماي، يەنە پاكىستان ئەتراپى ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئومۇمىيلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ