|
● 25–ئاۋغۇست ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى ياشانغانلار ئورنى ، ‹‹شىنچېڭ›› ياشانغانلار ساغلاملىق باغچىسى قاتارلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى 21 ياشانغانلار ئورنىغا تىجارەت ياردەم پۇلى ۋە ياشانغانلار ئورنى ئېچىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى . ياردەم پۇلىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 174 مىڭ 530 يۈەن بولدى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، نۆۋەتتە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 60 ياشتىن ئاشقان نوپۇس 253 مىڭ 700 گە يەتكەن بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ%12.57ىنى ئىگىلەيدىكەن .
● مۇشۇ ئاينىڭ 26–كۈنى شىنجاڭ ئاكسىيە ، زاكاز مال كەسپى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 7–ئايدا ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن پاي مەبلەغ ھىساباتى ئاران 9 مىڭ 924 بولۇپ ، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان.
● بۇنىڭدىن كېيىن ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل يۇيۇش ئورۇنلىرى چوقۇم سۇ سائىتى ۋە سۇنى تەكرار ئىشلىتىش سۇ سائىتى ئورنىتىپ ، سۇنى تەكرار ئىشلىتىش نىسبىتىنى ھىسابلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇنى تەكرار ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتمىغان ۋە ئىشلەتمىگەن ئاپتوموبىل يۇيۇش ئورۇنلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سۇ ناسۇسى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا ، شەھەرلىك سۇ ئىشلىرىنى مەمۇرى تەپتىش قىلىش ئورۇنلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن–بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازالايدۇ .
|