|
تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى تاكسېن 11 – ئاۋغۇست لوندونغا كېلىپ، ئەنگلىيىدىكى 2 – قېتىملىق سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئەنگلىيىلىكلەر بۇنىڭدىن ھەيران قالمىدى، چۈنكى، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى سىياسىي زاتلار ئەنگلىيىدە سىياسىي پاناھلىنىشقا ئېرىشكەنىدى. ئادەتتىكى پۇقرالار لوندون كوچىلىرىدا بۇ داڭدار شەخسلەرنى ئۇچرىتالماسلىقى مۇمكىن، بىراق، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مېھمانساراي، داچا، ئالىي دەرىجىلىك ئىمارەتلەر، ھەتتا، مۇسابىقە مەيدانلىرىدىكى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ خوجايىنلىرى روسىيىلىك دوكار، برۇنېي شاھزادىسى، مەلۇم دۆلەتتىكى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى ياكى سەرگەردان ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەنگلىيىلىكلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كۆنۈپ قالغان، ھەتتا، شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك، دەپ قارايدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 12 – ئاۋغۇستتىكى ‹‹تاكسېن قايتىپ كەلدى!››، دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئەنگلىيىلىكلەر تاكسېن گۇناھسىز كىشى، دەپ قارايدۇ
11 – ئاۋغۇست تاكسېننىڭ باڭكوكتا سوتقا چىقىدىغان كۈنى ئىدى. تايلاندنىڭ بۇ سابىق زۇڭلىسى ئىلگىرى چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ئالتە تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلدە غىپپىدە ئەنگلىيىگە سەپەر قىلىپ، لوندونغا كەلگەندىن كېيىن، تاكسېن يازغان ھەم تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە فاكس بىلەن يوللىغان يازما باياناتى ئېلان قىلىندى. ئۇ، ئۆزى ۋە خوتۇنىنىڭ ئەنگلىيىدە قالىدىغانلىقى، بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرىنىڭ قانۇن ۋە پاكىتقا كۆز يۇمغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكى، ئۇنى ئەيىبلەشتە سىياسىي غەرەز بارلىقى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇنى تايلاندنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن مەڭگۈ ئايرىلىشقا مەجبۇرلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تاكسېن باياناتىدا، ئەگەر تەلىيى ئوڭدىن كەلسە، كەلگۈسىدە ۋەتىنىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ھەر خىل پەرەزلەر بولسىمۇ، بىراق، بارلىق ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تايلاندلىق بۇ كونا دوستى لوندونغا قايتقاندىن كېيىن، خۇسۇسىي تۇرمۇشىنىڭ ئانچە ناچار بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. مانچېستىر پۇتبول كۇلۇبىدىن باشقا، تاكسېننىڭ ئەنگلىيىدە يەنە نۇرغۇن ئۆي – زېمىنلىرى بار بولۇپ، ئۇ يەنىلا لوندوندىكى ھايتى باغچىسى ئەتراپىدىكى ئالىي دەرىجىلىك داچىسىدا تۇرىدۇ. مۇخبىر ئىلگىرى تاكسېن ئەنگلىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلدە بۇ قاتتىق مۇداپىئە قىلىنىدىغان داچىنى زىيارەت قىلغان ھەم بۇ يەردىكى قاراۋۇللار بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلاشقانىدى. ئۇ ھەر قانداق سەۋەب كۆرسەتسىمۇ، قاراۋۇللار رەت قىلىپ، تاكسېننى ‹‹قوغدىغان›› ئىدى. مۇخبىر تاكسېنغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن ئەنگلىيىلىكنى زىيارەت قىلغانىدى. نۇرغۇن ئەنگلىيىلىك تاكسېنغا ئالاقىدار ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى. تاكسېننىڭ قىزى لوندوندا ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇ دائىم ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى، ئۇ شۇ جايدىكى كىشىلەرگە جىمغۇر، مۇلايىم تەسىر بەرگەنىدى. 2006 – يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىلىكلەر ئوتتۇرىدىكى توقۇنۇشنى چۈشەنمىسىمۇ، ھەربىي ھۆكۈمەت تاكسېننى تەختتىن چۈشۈردى، ئۇ گۇناھسىز، تايلاند تاكسېنغا ئادىل ئەرز – شىكايەت قىلىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك، دەپ قارىغانىدى. بۇ قېتىم تاكسېننىڭ يەنە سىياسىي مەسىلە تۈپەيلىدىن ئەنگلىيىگە كېلىشكە مەجبۇر بولۇشى ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تاكسېنغا بولغان ھېسداشلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. شۇڭا، تاكسېن نۇرغۇن ئەنگلىيىلىكنىڭ نەزەرىدە گۇناھسىز كىشى بولۇپ قالدى.
بېلزوۋېسكى سەككىز – توققۇز قوغدىغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدۇ
ئەنگلىيىدە سىياسىي پاناھلىنىشقا ئېرىشكەن يەنە بىر سابىق زۇڭلى بۇلتۇر 12 – ئايدا پاكىستاندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى بەنەزەر بۇتتو ئىدى. بەنەزەر بۇتتونىڭ نۇرغۇن دۆلەتنى ئايلىنىپ، ئاخىر ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىش كەچۈرمىشى نېمە ئۈچۈن سىياسىي زاتلارنىڭ ئەنگلىيىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇتتو جەمەتى پاكىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى داڭدار جەمەت بولۇپ، بەنەزەر بۇتتو ئىلگىرى ئىككى قېتىم زۇڭلى بولغان. 1999 – يىلىدىكى سىياسىي كۈرەشتە مەغلۇپ بولغان بۇتتو ئەنگلىيىدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ ئەنگلىيىنى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، ئەنگلىيە ئىلگىرى پاكىستاننىڭ مېتروپولىيىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق، يەنە كېلىپ بەنەزەر بۇتتو ئىلگىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئىككىنچىدىن، ئەنگلىيىدىكى پاكىستانلىق پۇشتىدىن بولغان مۇسۇلمانلار 740 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلار شەكسىزلا مۇھىم سىياسىي كۈچ ئىدى. ئەلۋەتتە، بەنەزەر بۇتتومۇ ئەسلى – ۋەسلىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالمىغانىدى. پاكىستان تەپتىش ئورگىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەنەزەر بۇتتو ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ شۇ چاغلاردا 26 چەت ئەل بانكىسى ھېساباتى بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكىدا 14 جايدا ئۆي – زېمىنى بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى قورۇق، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ قىممىتىلا 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. بىراق، بەنەزەر بۇتتو بۇ مۈلۈككە ئېرى بىلەن قانۇنلۇق يول ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان.
ئەنگلىيىدە سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە روسىيىلىكلەر يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئىنتايىن گەۋدىلىك توپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ئىلگىرى ‹‹كرېمىل سارىيىنىڭ تەربىيىچى ئاتىسى››، دەپ ئاتالغان روسىيىلىك دوكار بېلزوۋېسكى. بۇ سودىگەر ئىلگىرى يېلىتسېن دەۋرىدە داڭق چىقارغان بولسىمۇ، سىياسىي غەرىزى يامان بولغانلىقتىن، 2000 – يىلى ئەنگلىيىگە سەرگەردان بولۇپ كەلگەن. بىراق، ئۇنىڭ ئەنگلىيىدىكى كۈنلىرى ئۇنداق ياخشى ئۆتمىگەن، ئۇ بىر تەرەپتىن، نەچچە مىليارد دوللارلىق مۈلۈكنى باشقۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، روسىيە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەم بارلىق ئاماللار بىلەن ئۆزىنى قوغدىغان. ئەنگلىيە ‹‹تايمېس گېزىتى››دە ئىلگىرى مۇنداق دېيىلگەن: بېلزوۋېسكى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، 30 مىنۇت چېنىقىدۇ، 20 مىنۇت سۇ ئۈزىدۇ. ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بېنز ماركىلىق پىكاپىغا ئولتۇرۇپ، لوندوندىكى ئالىي دەرىجىلىك ئىشخانىسىغا كېلىدۇ. كەچ سائەت 9 دا ئۆيىگە قايتىپ، سىياسىي خاتىرىسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، سەھەر سائەت 3 تە ئۇخلايدۇ. بېلزوۋېسكى 2004 – يىلى 10 مىليون فوند ستېرلىڭغا 172 گېگتارلىق زېمىن سېتىۋالغان، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى فرانسىيىدە ئالاھىدە ئەسكەر بولغان قاراۋۇللار قوغدايدۇ، ئۆيىنىڭ ئىشىكى قېلىنلىتىلغان پولات تاختىدىن ياسالغان بولۇپ، دېرىزىلىرىگە ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئورنىتىلغان، يەنە ئېنفرا قىزىل نۇرلۇق كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ۋە تېلېكامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بېلزوۋېسكىدىن باشقا، روسىيىدىكى ئەڭ چوڭ كانچىلىق شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن لىدىرى، ‹‹لوس›› نېفىت شىركىتىنىڭ سابىق لىدىرى، روسىيىنىڭ سابىق ئېنېرگىيە ماگناتى بولغان يوكۇس شىركىتىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ ھازىر ئەنگلىيىدە سىياسىي پاناھلىنىۋاتىدۇ.
ھەر يىلى 70 مىڭ كىشى سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ
تاكسېن ئەنگلىيىنى تاللاشتىكى سەۋەبنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ‹‹دېموكراتىيىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى›› ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دەرۋەقە، شۇنچە كۆپ سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئەنگلىيىنى قېچىش مەنزىلگاھى قىلىپ تاللىشىدىكى سەۋەب ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. شۇنچە كۆپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ تامامەن خەلقئارا ئەھدىنامىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش، دەپ چۈشەندۈرىدۇ، 1951 – يىلى ئىمزالانغان ‹‹جەنۋە مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى››گە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا سىياسىي پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتى بېرىشكە ھوقۇقلۇق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق چوڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا ئارىلىشىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ. ئەنگلىيە مۇشۇنداق پوزىتسىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، 2000 – يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سىياسىي پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىراق، سرىلانكا، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن، ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىمۇ ئىنتايىن ئاددىي.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە، ھېلىقىدەك مۇرەككەپ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىش ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي دىپلوماتىيىسىدە ئىنتايىن قىممەتكە ئىگە. ھالبۇكى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭمۇ ئويلىغىنى بار. بىرىنچىدىن، ئەنگلىيىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ھەر خىل كۆچمەنلەر كۆپرەك، ئوخشاش بىر مىللەت چەمبىرىكىنى ئاسانلا شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر ئەنگلىيىدە ئاز دېگەندىمۇ 300 مىڭ روسىيىلىك ياشاۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەنگلىيىنىڭ قانۇن – تۈزۈمى بۇ سەرگەردان سىياسىي زاتلار ۋە پۇل مۇئامىلە دوكارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ مۇھەررىرى كېۋېنتېن پېر ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئەنگلىيىدىكىگە ئوخشاش بۇنچە كۆپ روسىيىلىك بايلار يوق. ئەنگلىيىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن قانۇنلارنىڭ ئاساسى. چەت ئەلدىكى نۇرغۇن سودىگەرلەر تېپىۋاتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، بۇ مۈلۈكنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇلار مۈلكىنى ئەنگلىيىگە يۆتكەپ، ئېرىشكەن مۈلكىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەرگەردان كۈچلەرگە پاناھلىق بېرىشىمۇ سىياسىي مەقسەتتىن بولغان. ئەنگلىيە مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ سەرگەردان كۈچلىرىنى شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇساپىسىگە ئارىلىشىشتىكى كوزىر، شۇنداقلا دىپلوماتىيە كوزىرى قىلىۋالغان.
داڭلىق سىياسىي زاتلارغا پاناھلىق بېرىش بارغانچە ئازىيىۋاتىدۇ
ئەنگلىيىگە ئوخشاشلا، فرانسىيىدىمۇ سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەنئەنىسى بار، فرانسىيىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بارغانچە چىڭىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر قېتىملىق تەڭشەشتە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتمەسلىك تەكىتلەنگەن. فرانسىيىدە غەرەزسىز سىياسىي پاناھلانغۇچىلار كۆپ بولۇپ، فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ۋە فرانسۇز تىلى قوللىنىلىدىغان رايونلاردىن كەلگەنلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ سابىق پادىشاھى بوكاساⅠ، توگونىڭ سابىق زۇڭلىسى كېچائۇ، ماداغاسقارنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لاچىراك، كوتېدىۋانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بىدىئاي قاتارلىقلار. فرانسىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا سىياسىي سەرگەردانلارنى قوبۇل قىلىمىز، دېگەن بولسىمۇ، بىراق، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سىياسىي زاتلىرىدىن ئامېرىكىغا پاناھلىنىپ بارغۇچىلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئامېرىكىنىڭ قانۇنىدا ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر چوقۇم ئۆزى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشى، ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ئامېرىكا زېمىنىدا بولغان بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|