باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
كۇۋەيت خان جەمەتىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى
2008- 08- 28 12:17 شىنجاڭ گېزىتى

   خان جەمەتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە پارس قولتۇقى رايونىدا، كۇۋەيت خان جەمەتىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى.

   خان جەمەتىنىڭ بۇ مۇھىم ئەزاسىنىڭ ئىسمى شەيخ تالال ناسىر ساباخ بولۇپ، بۇ يىل 50 ياش. ئۇنىڭ كۇۋەيت خان جەمەتىنىڭ نەچچە يۈز ئەزاسى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ كۇۋەيتنىڭ 2006 – يىلى ۋاپات بولغان سابىق ئەمىرى جەبىر ئەھمەد ساباخنىڭ جيەن ئوغلى. شەيخ تالال يېقىندا ئون كىلوگرام كوكايىن ۋە 80 كىلوگرام نەشە ئەتكەس قىلىۋاتقاندا، ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەن كۇۋەيت ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ساقچىلار شەيخ تالالنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، زەھەر ساتىدىغان تارازا ھەم زەھەر قوچۇيدىغان ئۈسكۈنىنى، شەيخ تالالنىڭ تارتمىسى ھەم قازناق ئۆيىدىن ئىككى تاپانچا بىلەن بىر ئوۋ مىلتىقىنى تاپقان. بۇنىڭ بىلەن شەيخ تالال زەھەر ئەتكەس قىلىش، پۇل يۇيۇش، قانۇنسىز قورال ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

   كۇۋەيت مەھكىمە شەرئىسى يېقىندا شەيخ تالالنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، شەيخ تالالنىڭ ئۈچ شېرىكىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئىككى شېرىكىگە يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن. شەيخ تالال ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە: ‹‹مەن ئەمىرنىڭ )پادىشاھ( رەھىم قىلىپ، گۇناھىمدىن كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىر بۇ مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىم ››، دېگەن. خان جەمەتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئەمىرگە يالۋۇرۇپ، تالالنىڭ ‹‹بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىش›› نى تىلىمەكتە. ئەمما، قازى ھۇمەندنىڭ پوزىتسىيىسى ناھايىتى كەسكىن بولۇپ: ‹‹جىنايەتچىنىڭ قىلمىشى جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان سالدى، بولۇپمۇ ياشلارنى زەھەرلىدى››، دېدى.

   بۇ كۇۋەيت تارىخىدا خان جەمەتى ئەزاسى تۇنجى قېتىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان دېلو. شەيخ تالال ئىلگىرىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەن. 1991 – يىلى ئۇ مىسىر ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن خروئىن ئەتكەس قىلغان دەپ قولغا ئېلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ: ‹‹مەن پەقەت زەھەر چەكتىم، لېكىن، زەھەر ئەتكەس قىلمىدىم››، دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان. مەھكىمە شەرئىنىڭ قارارى خان جەمەتى ئەزاسىنى ئادىل سوتلاشنىڭ ھۆكۈم ئۈلگىسى دەپ قارالدى. پاش قىلغۇچى نەجىپ: ‹‹مەھكىمە شەرئىنىڭ ھۆكۈمى ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن تۇرۇۋېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى››، دېدى.   

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ