|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 26 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ‹‹ئالتۇن كۈز››ناملىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى 26 – ئاۋغۇست چېڭدۇدا باشلاندى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى 600 مىليون يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئىشلەمچى دېھقانلارنىڭ 300مىڭ پەرزەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئىشلەمچى دېھقانلارنىڭ 750مىڭ پەرزەنتىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كاپالەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇجېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىدە بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ياردەم ئوبيېكتى بېكىتىلگەن: بىرىنچى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئىشلەمچى دېھقانلارنىڭ ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى؛ ئىككىنچى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ھۆكۈمەت ياردەم بەرگەندىن كېيىنمۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى؛ ئۈچىنچى، شەھەر، بازارلاردىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىزىقىدىن سەل يۇقىرى بولغان، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىزىقىغا يېقىنلىشىپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى؛ تۆتىنچى، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى؛ بەشىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسى دائىرىسىگە كىرمىگەن، يەنە بەزىلىرى شۇ دائىرىگە كىرگەن بولسىمۇ ئەمما ئالاھىدە قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن داۋاملىق قۇتقۇزۇشقا موھتاج بولغانلار. بۇ پائالىيەتتە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىنىڭ دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تولۇقلاش رولى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يەنە قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پەرزەنتلىرى شەھەردە ئوقۇۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىشتا يارىلىنىش، ئېغىر كېسەل بولۇش سەۋەبىدىن تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن.
يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلىدىن تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدىكەن. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دەسلەپكى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، سىچۇەن، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان 450مىڭ پەرزەنتى)ئاساسلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلەر ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ( بولۇپ، بۇنىڭ 270مىڭى سىچۇەندىكى ئاپەت يۈز بەرگەن ئالتە شەھەر، ئوبلاستنىڭ 40 ناھىيە، شەھىرىدە، 130مىڭى شەنشىدىكى ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەن يەتتە رايوندا، 50مىڭى گەنسۇدا ئىكەن.
جايلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يەنە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، تۇرمۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدىكەن.
|