باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تاجىكىستان زۇڭلىسى ئاجىروف بىلەن كۆرۈشتى
2008- 08- 28 11:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 27 –ئاۋغۇست تاجىكىستاندىكى دۆلەت مېھمانخانىسىدا، تاجىكىستان زۇڭلىسى ئاجىروف بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئىقتىساد– سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە، جۇڭگو–تاجىكىستان ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىلىۋاتىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 1. چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سۈپەتلىك ئورۇندىلىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككى تەرەپ چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. 2. كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستاندا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللايدۇ. 3.  يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى بولۇپمۇ ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە تۇپراقنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. 4. مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلىقلاشتۇرۇشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ