|
جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ يېقىندا تيەنجىندا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ چىرىكلىشىشنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹چىرىكلىشىشنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008– يىلىدىن 2012–يىلىغىچە بولغان خىزمەت پىلانى›› نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
|