باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 08- 28 11:24 شىنجاڭ گېزىتى

   . تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 27 – ئاۋغۇست تاجىكىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئۇبەيدۇللايېۋ ۋە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

   .  ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 26 – ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسېتىيە ۋە ئابغازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، روسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

   . روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ 26 – ئاۋغۇست: روسىيە يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى خالىمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن قورقۇپمۇ قالمايدۇ، دېدى.

   . ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى فلاتو 26 – ئاۋغۇست: چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتناشقان تەرەپلەر چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانىنى تەكشۈرۈشتە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلمىغىچە، ئامېرىكا چاۋشيەننى تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن ئۆچۈرمەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

   .  لىۋىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 27 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، سۇداننىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلىغۇچىلار يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ