|
ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى تۇنجى قېتىم ئافرىقا، ۋيېتنام، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا شەرق بازارلىرىغا سېلىنغان. ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر، 17 مىڭ 300 توننا سىلىقلاش مېيى ئېكسپورت قىلىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن تۆت ھەسسە ئاشقان، ئاسفالت، نېفىت كوكس مېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سىكلوئالكىل سىلىقلاش مېيى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنداقلا غەربىي شىمال رايونىدىكى يولغا ياتقۇزۇلىدىغان ئاسفالت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، بۇ شىركەت قاراماي نېفىتلىكىنىڭ سۈپەتلىك نېفىتىدىن پايدىلىنىپ، يىلىغا 600 مىڭ توننا ئالىي دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيى، 1 مىليون توننا ئاسفالت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
مەزكۇر شىركەت بۇ يىل مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازار، ئۆز كۈچىگە تايىنىش››تەك خەلقئارالىشىش ئىستراتېگىيىسى بويىچە، خەلقئارا بازارغا كۆز تىكىپ، سۈپەتلىك، ئەۋزەللىككە ئىگە مەھسۇلاتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، كارخانىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ شىركەت يەنە خەلقئارا ماي مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىدىن سىلىقلاش مېيىنىڭ بازار ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئېكسپورتنى كۆپەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېخنىكا مۇلازىمىتى خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، چەت ئەل قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىلار بىلەن پائال كېڭىشىپ، مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرى بۇ كارخانا ئىشلەپ چىقارغان ترانسفورماتور مېيى تۇنجى قېتىم ۋيېتنام بازىرىغا، پارقىرىتىش مېيى ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستان بازىرىغا سېلىنىپ، كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىندى.
بۇ يىل 5 – ئايدا، بۇ كارخانا ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر 50 – نومۇرلۇق يولغا ياتقۇزۇلىدىغان ئاسفالت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانا سۈپىتىدە، 500 توننىغا يېقىن يېڭى مەھسۇلاتىنى تۇنجى قېتىم گابون جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىپ، ئۇنى بانگوۋېر تاشيول قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش ئېلىمىزنىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئافرىقا رايونىنىڭ يول قۇرۇلۇشىغا كېتىدىغان 10 مىڭ توننا ئاسفالتنىڭ ھەممىسىنى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تەمىنلەيدىكەن.
بۇ يىل پەن – تېخنىكا خادىملىرى يەنە 130 – نومۇرلۇق يولغا ياتقۇزۇلىدىغان ئاسفالتنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ مەھسۇلات سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، سوغۇق جايلاردىكى قۇرۇلۇشنىڭ تەلىپىگە باب كېلىدۇ. قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئاسفالت يېڭى مەھسۇلاتى پەن – تېخنىكا تەركىبىي يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكى بىلەن روسىيىنىڭ شۇ خىلدىكى مەھسۇلاتىنى بېسىپ چۈشۈپ، تۇنجى قېتىم موڭغۇلىيىگە 6500 توننا ئېكسپورت قىلىندى.
|