باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
تايلاندىكى 20 مىڭغا يېقىن نارازىلىق بىلدۈرگۈچى زۇڭلى مەھكىمىسىگە باستۇرۇپ كىرىپ ، زۇڭلىنىڭ تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى
2008- 08- 27 09:29 تەڭرىتاغ تورى

 

      تايلاند خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى 26 – ئاۋغۇست تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتىكى زۇڭلى مەھكىمىسىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ ، زۇڭلى ساماغا بېسىم ئىشلىتىپ ، سامانىڭ ھوقۇقنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان .  

     ئېتراز بىلدۈرۈشنىڭ تەسىرىدە ، ئەسلىدە شۇ كۈنى زۇڭلى مەھكىمىسدە ئۆتكۈزۈشكە بېكىتىلگەن تايلاند ئىچكى كابېنت ھەپتىلىك دائىملىق يىغىنى ئىلاجسىز ئورۇن يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولۇپ ، باڭكوك شەھەر ئەتراپىدىكى قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن . باڭكوك شەھىرىدىكى نۇرغۇن كوچىلاردا قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان ، زۇڭلى مەھكىمىسىگە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە دەرس توختىغان .

     نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەر زۇڭلى مەھكىمىسىدىن باشقا يەنە مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە باڭكوك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش شىتابىغا باستۇرۇپ كىرىپ ، يېزا ئىگىلىك ۋە كوپراتىپ مىنىستىرلىكى ، مائارىپ مىنىستىرلىكى ، ترانسىپورت مىنىستىرلىكى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى قورشىۋالغان . تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشقان .

     تايلاند زۇڭلىسى ساما 26 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ، تايلان 9 – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا جىددى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ‹‹خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ توپلىشىپ ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا زورلۇق بىلەن باستۇرۇپ كىرىشى قانۇنغا خىلاپ قىلىمىش بولۇپ ، ئۇلار تېزرەك چېكىنىشى كېرەك  ، بولمىسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ ›› .   

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ