باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ›› دە 61 تۈرگە نوقتىلىق سودىگەر چاقىرىشنى بېكىتتى
2008- 08- 27 15:52 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

   ‹‹17–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى›› دە ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 61 تۈرگە نوقتىلىق سودىگەر چاقىرىشنى بېكىتكەن بولۇپ ، بۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 56 مىليارد 981 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ .

    بۇ نۆۋەتلىك ‹‹ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى›› دە ، ئۈرۈمچى–سانجى بىرلىكتە يەرمەنكىگە قاتنىشىشتا ‹‹6 نى بىرلىككە كەلتۈرۈش››پرىنسىپى بويىچە ، ئۈرۈمچى–سانجى بىرلىكتە ئۆمەك تەشكىللەش ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش لايىھىسى تۈزۈلدى . نۆۋەتتە ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ئۈرۈمچى 2008–يىللىق ئۈرۈمچى–سانجى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قوللانمسىنى تۈزۈپ بېسىش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدى . سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇشقا بېكىتكەن 61 تۈرى كۆمۈر–توك، كۆمۈر–خىمىيە سانائىتى ، رەڭلىك مېتال تاۋلاش شۇنداقلا ئىنچىكە پىشىشقلاپ ئىشلەش ، يېزا ئىگىلىكنى كەسپلەشتۈرۈش ، نېفىت ، نېفىت–خىمىيە سانائىتى ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىي شۇنداقلا ياساش كەسپىي ، كان مەھسۇلاتلىرى ، ئېنېرگىيە تۈرى ، ساياھەت ماددىي–ئوبوروت قاتارلىق 6 چوڭ كەسپكە چېتىلىدۇ .

    سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تاشقى ئىقتىساد–سودا ئىدارىسى ، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى ۋېنخۇي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىل سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تاللىغان تۈر قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتى . ئۇنىڭدا ئاساسلىقى يەنىلا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ . ھازىر بېكىتىلگەن 61 تۈردە مۇھىم نوقتا يەنىلا 2–كەسپ . بىز يەنە ئاساسلىقى 6 چوڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپنى چۆرىدىگەن ھالدا ، بەزى چوڭ كارخانا ، چوڭ گۇرۇھلارنى كىرگۈزىمىز . بىز يەنە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلەرنى يولغا قويۇش دەرىجىسى ، تۈرنى دەلىللەش خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلىدۇق . دېمەك ،  ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تاماملاپ بولدۇق . بۇنداق بولغاندا تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ››.

    ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە سانجى سودا ئۆمىكى 208 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ ، توختام سوممىسى 17 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يەتكەن . نۆۋەتتە ، تۈرنىڭ ئىجرا قىلىنىش نىسبىتى %82 كە ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %45 كە يەتكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ