باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
كۈيتۈن شەھىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرىدىغان باغچىلاشقان ئەشيا ئوبوروت رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە تۇنجى قېتىم نامايەن بولىدۇ
2008- 08- 27 15:49 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

       بۇ يىل كۈيتۈن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرىدىغان 27 تۈرى ئىچىدە ، باغچىلاشقان ئەشيا ئوبوروت رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە تۇنجى قېتىم نامايەن بولىدۇ . نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى ئەشيا ئوبوروت شىركىتى—ئۈرۈمچى ‹‹سەنخۈەن›› ئوقەتچىلىك شىركىتى كۈيتۈنغا مەبلەغ سېلىپ ، چوڭ تىپتىكى باغچىلاشقان ئەشيا ئوبوروتى رايونى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .       ئىگىلىنىشىچە ، باغچىلاشقان ئەشيا ئوبوروتى رايونىنىڭ كۆلىمى 1 مىڭ 200 مو بولۇپ ، جەمئىي 260 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن . مۆلچەرلىنىشىچە ، ئالدىنقى باسقۇچتا 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن ، ئالدىنقى باسقۇچتىكى قۇرۇلۇش 3 باسقۇچقا بۆلۈنۈپ تاماملىنىدىكەن ، تۇنجى باسقۇچتا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، 2 مىڭ 500 ئاپتوموبىلنى توختىتىشقا بولىدىغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ، تۇرمۇش مۇلازىمەت بازىسى ، ئەشيا ئوبوروت ئۇچۇرلىرى مەركىزى قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلىدىكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ