|
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد–سودا كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش چارىسى ›› بۇ يىل 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.
‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش چارىسى ›› 28 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ، ئورمانچىلىق ، دۆلەت زېمىن بايلىقى ، قۇرۇلۇش ، قاتناش قاتارلىق فونكسسىيىلىك تارماقلارنىڭ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان؛ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش رايونىنىڭ دائىرىسى ۋە قوغداش رايونىدا چەكلەنگەن قىلمىشلارنىڭ دائىرىسى بەلگىلەنگەن؛ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرى بىلەن باشقا مۇئەسسەسەلەر بىر–بىرىگە دەخلى قىلغاندا بىر تەرەپ قىلىش پرىنسىپى بەلگىلەنگەن . ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش چارىسى›› دە ئېلېكتر مۇئەسسەسەلىرىنى ئوغرىلىغان ، بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى جازالاش ئۆلچىمى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان . ئېلېكتر ئېنېرگىيە لىنيىسى قوغدىلىدىغان رايونلاردا پوجاڭزا ئېتىش ، ئايروپىلان مودېلى ، لەگلەك ئۇچۇرۇش ، شار ئېسىپ قويۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا قانۇن بويىچە زىياننى تۆلىتىش؛ كېرەكسىز ، كونا كابېل ، ترانسىفورماتورنى تېزىمغا ئالدۇرماي سېتىۋالغانلارغا 2 مىڭ يۈەندىن 5 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن .
|