باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
2008–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى
2008- 08- 27 15:23 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

      تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ، مائارىپ نازارىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 2008 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

    ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 167 مىڭ 928 ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ ، 99 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %59 كە يېتىپ ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇراھال سەۋىيىدە تۇردى . ئۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە 56 مىڭ ئوقۇغۇچى ، مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىگە 41 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ، كەسپىي مەكتەپلەر ، تېخنىكا ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 2 مىڭ 259 ى قوبۇل قىلىندى .

    بۇ يىلنىڭ بېشىدا ، مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاپتونوم رايونىمىزغا 91 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى چۈشۈردى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن چۈنشى مۇنداق دېدى: ‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنىڭ كۆپىيىشى كۆپ تەرەپنىڭ قوللىشىدىن بولدى ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئاشقان قىسمىغا ئاساسلىقى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مايىل بولۇشى ، ئىچكىرىدىكى مىنىستىرلىككە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى سەۋەپچى بولدى›› .

    بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىندى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايرىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت ، ئوبلاستقا داۋاملىق ئېتىبار بېرىش بېكىتىلىپ ، 925 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى ، ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى بويىچە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى›› داۋاملىق يولغا قويۇلدى ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت ، ئوبلاست يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانى ۋە يېزا ، كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيىلەش پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ ، بۇنىڭغا جەمئىي 1 مىڭ 576 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى . ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نوقتىلىق كەسىپلەردىكى كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى پىلانى تۇنجى قېتىم تاماملاندى ھەمدە بۇنىڭغا 1 مىڭ 581 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى .

    خەن چۈنشى مۇنداق دېدى: ‹‹نۆۋەتتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى ، ئەمدى ھەرقانداق مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا–ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاستىچىلىرىنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز ، 2008–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى . بۈگۈندىن باشلاپ ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنى تاقايمىز ، سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن ، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە تېزلا يوللايمىز . بۇنىڭدىن كېيىن ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايدۇ ، تولۇقلاپمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ، بىز بۇ ئۇچۇرنى ئاتا - ئانىلارغا يەتكۈزۈپ قويدۇق ، ئەمدى يالغان–ياىۋداق گەپ–سۆزلەر ، يالغان ئۇچۇرلارغا قەتئىي ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز›› .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ