باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بۇ يىل 12–ئاينىڭ باشلىرىغىچە ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تىزىملىتىشتىن بۇرۇنقى بارلىق تەييارلىق خىزمىتىنى تاماملاپ بولىدىكەن
2008- 08- 27 15:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

      تۈنۈگۈن(26–ئاۋغۇست) چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 2–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىلىرى مۇدىرلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ھازىردىن باشلاپ 12–ئاينىڭ باشلىرىغىچە ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تىزىملىتىشتىن بۇرۇنقى بارلىق تەييارلىق خىزمىتىنى تاماملاپ بولىدىكەن ، نۆۋەتتە ، ھەر قايسى ئورۇنلار تېگى–تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتى باسقۇچىغا قەدەم قويغان.     

      ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەخمىنەن 150 مىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ئورۇن ۋە كەسىپلەر پائالىيىتى ئورنىغا ، شۇنداقلا تەخمىنەن 600 مىڭدىن كۆپرەك يەككە تىجارەتچىگە چېتىلىدىكەن . ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1400 دىن كۆپرەك يېزا ، بازار ، مەھەللە باشقارمىسى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق تۈەن–مەيدانى ، 14 مىڭدىن كۆپرەك كەنت ، مەھەللە كومىتېتى ۋە ليەندۈيلەردە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تىزىملاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن . نۆۋەتتە ، جايلاردا ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىشخانىلىرى قۇرۇلۇپ بولۇنغان .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ