|
بۇ يىلدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىز چاقىرغان سودىگەر ، جەلپ قىلغان مەبلەغ سىجىل ئاشتى ، ۋەزىيەت تېخىمۇ ئەلالاشتى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۇنجى بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش ، مەبلەغ جەلپ قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار بولۇپ قالدى .
ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، ئىدارە باشلىقى ياۋ جيەنشىن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش ، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشكەن سىرتقى مەبلىغى 34 مىليارد 745 مىليون يۈەنگە يېتىپ ،%27.94 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مەبلىغى 18 مىليارد 30 مىليون يۈەن بولۇپ ، %39.5 ئاشتى . مەركەزگە قاراشلىق نېفىت كارخانىلىرىنىڭ مەبلىغى 11 مىليارد 624 مىليون يۈەن بولۇپ ،%2.32 ئازلىدى .
|