باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
2008- 08- 27 12:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

     ● ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 2004–يىلى ئىش باشلانغان دۆلەت يولى 315–لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ، بۇ يىل 9–ئاينىڭ ئاخىرى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن .

    ● دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ماكرولۇق ئىقتىسادى ۋەزىيەت كۆرسەتكۈچى سىگنالى خەرىتىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، 7–ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىگنال كۆرسەتكۈچى 114.7 بولۇپ ، ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بىخەتەر يېشىل رايوندا تۇرغان .

    ● سودا مىنىستىرلىكى سودا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئاشكارىلىشىچە ، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ‹‹تاۋارلارنى زىيادە ئوراپ قاچىلاشنى چەكلەش نىزامى›› نى جىددى تۈزىۋېتىپتۇ .

    ● سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى كەسپ سىياسىتى مەھكىمىسىدىن تۈنۈگۈن ئىگىلىنىشىچە ، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› دىكى تەلەپكە ئاساسەن ، بۇ يىل‹‹ كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يېتەكچى مۇندەرىجىسى 2005 - يىللىق نۇسخىسى››نى ئۆزگەرتىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن ھەمدە ‹‹ سانائەت لايىھىلەش كەسپلىرى سىياسىتى›› تېزدىن تۈزۈپ چىقىلىپ ، ئېلان قىلىنىدىكەن .

    ● جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك كەسپى نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئۆي–زېمىن كەسپىگە بەرگەن قەرزى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %4.85 كۆپ بولۇپ ، ۋەزىيەت ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا ياخشى . بۇ يىللىق ئۆي–زېمىن قەرزىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى بۇلتۇرقى سەۋىيە بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىپ قالىدىكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ