باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئاشماقتا
2008- 08- 27 12:01 شىنجاڭ گېزىتى

     ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر، ئىلى، تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ رايون ئاساسلىق ئورۇندا تۇردى.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىۋاتقان كۆكتات، مېۋە – چېۋىلىرىنىڭ مىقدارى داۋاملىق ئاشقان؛ ئىلى ئوبلاستى ئىككى يىلدىن بۇيان يىللىق پەسىلسىز كۆكتات مىقدارىنى 400 مىڭ توننىغا، مېۋە –  چېۋە مىقدارىنى 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، چەت ئەللەرگە 500 مىڭ توننىغا يېقىن كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋە ئېكسپورت قىلغان؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى قازاقىستاندا يەتتە قېتىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، 110 خىلدىن كۆپرەك كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىنى كۆرگەزمە قىلىپ، 140 مىڭ توننا كۆكتات ئېكسپورت قىلىش توختامى ئىمزالىغان.

     بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 288 مىليون دوللاردىن ئاشقان. تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قۇمۇلنىڭ قوغۇنى، كورلىنىڭ نەشپۈتى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا شۆھرەت قازانغان. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2015 – يىلىغىچە 3 مىليون مو باغدىكى %50 مېۋىنى جۇغراپىيىلىك بەلگە بويىچە قوغداپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلات قاتارىدا ئەنگە ئالدۇرۇشنى قولغا  كەلتۈرىدىكەن. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ