|
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرى ئاقچى ناھىيىسىگە ھازىرغىچە يەتتە دەستە ‹‹دوستلۇق گۈلى›› تەقدىم قىلدى.
مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاقچى ناھىيىسىگە سىستېمىلار بويىچە ياردەم بېرىشكە مەسئۇل بولغان ۋۇشى شەھىرى بۇلتۇر بىر نەچچە تۈركۈم كادىر ئەۋەتىپ، بۇ ناھىيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى. تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، ‹‹ئۈچ يىلدا ئون قۇرۇلۇش تۈرى›› پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ يىلدىن باشلاپ بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاتلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 1مىليون 200مىڭ يۈەن ياردەم بېرىش؛ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان دېھقان – چارۋىچىلارنى داۋالىتىش ئۈچۈن 400 مىڭ يۈەن فوند مەبلىغى جۇغلاش؛ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى، تېببىي خادىملارنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش؛ دوختۇرخانىلارغا تېببىي خادىملارنى سەپلەش؛ ناھىيىلىك مەركىزىي بالىلار باغچىسىنى يېڭىلاش قاتارلىق يەتتە ياردەم تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ۋۇشى شەھىرى بۇ يىل تەقدىم قىلغان بۇ يەتتە دەستە ‹‹دوستلۇق گۈلى›› ئاقچى ناھىيىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تەسىرلەندۈردى.
|