|
يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىلمىي ساپا ھەرىكىتى، ئىلمىي تەربىيىلەش ۋە تەربىيىلەش ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھىسى›› نى تۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ دەسلەپكى ئىلىم – پەن تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى سىلجىتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا پائالىيىتى ئالاھىدە مەكتەپ قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكا تەربىيىسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى قۇرۇپ، ‹‹پەن – تېخنىكا سارىيى پائالىيىتىنى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش›› بويىچە سىناق نۇقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. يېزىلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەربىيىلەش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزىلاردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئىلمىي تەربىيىلەشنى كۈچەيتىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھازىر بار بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر سارىيى، پەن – تېخنىكا سارىيى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكا خىزمىتى ئىشخانىسى، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەربىيىلەش تەجرىبىخانسى قۇرىدىكەن. ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكا يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنى ئاساس قىلىپ، مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىسى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى يۇقىرى پەن – تېخنىكا يېتەكچىلىرى قوشۇنى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلىرى قوشۇنىنى قۇرىدىكەن.
|