باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 08- 27 11:13 شىنجاڭ گېزىتى

       دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 26 – ئاۋغۇست سېئولدا كورىيە پارلامېنتنىڭ باشلىقى كىم خيۇڭئو بىلەن كۆرۈشتى. خۇ جىنتاۋ: جۇڭگو بىلەن كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 16 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېز راۋاجلىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقى كۈندىن – كۈنگە چوڭقۇرلاشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينىدى، دېدى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 26 – ئاۋغۇست سېئولدا كورىيە زۇڭلىسى خەن سېڭسۇ بىلەن كۆرۈشتى. خۇ جىنتاۋ: ئالدىنقى كۈنى بىز كورىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 16 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. 16 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو – كورىيە مۇناسىۋىتى تېز راۋاجلاندى. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ناھايىتى خۇشال، دېدى.

      چاۋشيەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 26 – ئاۋغۇست  پيۇڭياڭدا بايانات ئېلان قىلىپ: چاۋشيەن 14 – ئاۋغۇست نىڭبيەن رايونىدىكى يادرو ئەسلىھەسىنى ئۈنۈمسىزلەشتۈرۈش مەشغۇلاتىنى توختاتتى ھەم بۇ تەدبىرنى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاۋشيەن ‹‹ئالاقىدار تارماقنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، نىڭبيەندىكى يادرو ئەسلىھەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىشنى ئويلىشىدۇ››، دېدى.

       تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گوۋېي 26 – ئاۋغۇست ساقچىلارنى تايلاند زۇڭلى مەھكىمىسىگە كىرگەن نامايىشچىلارنى قوغلىۋېتىشكە بۇيرۇدى. خەلق ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى سوندىخى لىمتوڭكۇل 26 – ئاۋغۇست: تايلاندنىڭ زۇڭلى مەھكىمىسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا كىرگەن نامايىشچىلار تارقالمايدۇ، ئۇلار نامايىشنى ساما رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت تەختتىن چۈشكىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ