باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹ئاققۇ كۆلى›› 220 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى
2008- 08- 27 11:09 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنجاڭ ‹‹ئاققۇ كۆلى›› 220 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە تاشساي – چاقىلىق 110 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش سىم يولى قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى 26 – ئاۋغۇست بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئىككى قۇرۇلۇش بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ۋە ‹‹11 – بەش يىل››دا شىنجاڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت قاتارلىق رەھبەرلەر ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

     بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ‹‹ئاققۇ كۆلى›› 220 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ ئۆزگىچە سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشەنچلىك توك تەمىنلەش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايىنبۇلاق رايونىدىكى توك يەتكۈزۈلمىگەن بەش يېزىنىڭ ھەممىسىگە بالدۇرراق توك يەتكۈزۈشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. بۇ توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا 222 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇ قارارلىق قۇرۇلۇشتا 220 كىلوۋولتلىق بىر سىم يولىدىن 165 كىلومېتىر تارتىلىدۇ. تاشساي – چاقىلىق 110 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش سىم يولى قۇرۇلۇشىغا 18مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تاشساي يېقىلغۇ گاز ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توكىنى سىرتقا چىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، چەرچەن بىلەن چاقىلىقنىڭ ئېلېكتر تورىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى ناھىيىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىدىكى تەمىنلەش – تەلەپ زىددىيىتىنى پەسەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ