|
ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىقتىساد – سودا نازارىتى 25 – ئاۋغۇست 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ‹‹كۈچلۈك تاۋار››لارنى باھالاش نامزاتىغا كىرگەن 200 تاۋارنى جامائەتچىلىككە جاكارلىدى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىكى ‹‹100 كۈچلۈك تاۋار›› نى باھالاش خىزمىتى ئامما بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىكى ‹‹كۈچلۈك تاۋار››لارنى باھالاش خىزمىتى بۇ يىل 6 – ئايدا باشلانغان بولۇپ، 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى باھالاشقا تىزىملاتقان 400دىن ئارتۇق تاۋاردىن 200ى تاللىنىپ بۇ قېتىمقى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان.
بۇ قېتىمقى باھالاش ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىكى نادىر ئېكسپورت تاۋار مۇكاپاتى، داڭلىق تاۋار مۇكاپاتى، يېڭىلىق ياراتقان تاۋار مۇكاپاتى، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك تاۋار مۇكاپاتى، ئالاھىدە تاۋار مۇكاپاتى قاتارلىق بەش تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر مۇكاپات تۈرىگە 20 تاۋار تاللىنىدۇ.
ئامما باھالاش باسقۇچىدا، بېلەت تاشلىماقچى بولسا ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى تور بېكىتى(www.urumqifair.com)، ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك تورى (www.zolotoymost.ru)، تەڭرىتاغ تورى(www.tianshannet.com) ئارقىلىق توردىن بېلەت تاشلىسا ياكى يەرمەنكە مەزگىلىدە نەق مەيدانغا بېرىپ بىۋاسىتە بېلەت تاشلىسا بولىدۇ. 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
|