|
يېقىندا مۇخبىرنىڭ دۆلەت سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن باشلاپ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چەت ئەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغان.
ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ماخاۋ كېسىلىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ماخاۋ كېسىلى، ئاساسلىقى، ماخاۋ كېسىلى ئاغرىقلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرگە يۇقىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، %95 تىن يۇقىرى ئادەمدە ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيىسىدىن ئىممۇنىتېتلىنىش ئىقتىدارى بولىدىكەن، ئۇلار ماخاۋ كېسىلى ئاغرىقلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ ماخاۋ يۇقمايدىكەن. ھازىر يەر شارى بويىچە ئىشلىتىلىۋاتقان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆرسەتكەن بىرلەشمە دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ماخاۋ كېسىلىنى تامامەن داۋالىغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ماخاۋ كېسىلى ئاغرىقلىرى دورا ئىشلىتىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تېنىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ماخاۋ باكتېرىيىسى تۈگىتىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇش خەۋپىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىدىكەن. ھازىر خەلقئارادا ماخاۋ كېسىلى تارقىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ماخاۋ كېسىلى ئاغرىقلىرى ئۆزلىرىنى داۋالىتىش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن، دۆلىتىمىزدىمۇ ھازىر شۇ سىياسەت يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.
|