باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە
2008- 08- 26 17:55 شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېز تەرەققىياتىنى ساقلاش، مال باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى تىزگىنلەشنى ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشتىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ‹‹بىرنى ساقلاش، بىرنى تىزگىنلەش››نىڭ ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشتىكى باش ۋەزىپە قىلىنىشى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تار دائىرىلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مىكرولۇق تەڭشەشتىن شۇنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇكى، ماكرو ئىگىلىكنىڭ سىيلىق تەرەققىيات ئىزىغا چۈشۈش مۇمكىنچىلىكى خېلى زور.

    ‹‹شەرققە نەزەر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 31 – سانىغا ‹‹تەرەققىيات ھامان چىڭ قائىدە›› ماۋزۇلۇق ماقالە بېسىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: تېخى تەرەققىي قىلمىغان ئىقتىسادىي گەۋدە ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەرەققىيات ھامان چىڭ قائىدە  ھېسابلىنىدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆرۈلگەن بىر قاتار يېڭى ئەھۋاللار ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ناۋادا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باش ۋەزىپە قىلىشنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ پەسكويغا چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باش ۋەزىپە قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە ۋاقتىنچە ئىمكانىيەت يار بەرمىسە، ھېچ بولمىغاندا ئىككىسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ماكرولۇق تەڭشەش تىزگىنلەش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ موھتاج. بۇ، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، باجنى كېمەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش. دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ باج يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت، شۇڭا باجنى كېمەيتىش ئارقىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت چىقىمىنى كۆپەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرىدىغان جامائەت مالىيىسى كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش. ئىستېمال، كارخانا مەبلىغى ۋە ئېكسپورت مىقدارىدا چېكىنىش بېشارىتى كۆرۈلگەن ئىكەن، ئۇنداقتا، ھۆكۈمەت چىقىمىنى زور كۆلەمدە ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ