|
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىغا بېقىندى بولۇپ قېلىش نىسبىتى %60تىن ئېشىپ كەتكەن، نەتىجىدە چەت ئەل بازىرى باھاسى تېزرەك سۈرئەتتە ئىچكى بازار باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلغان. يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقى ئېلىمىز مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان.
يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقى ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي جەمئىيەتتە ئىچكى بازار بىلەن خەلقئارا بازارنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن چەت ئەل تاۋارلىرىنىڭ باھاسى ياكى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى باھاسى ئۆسكەندە، ئۇنىڭ ئۆتمە شەكىل ئارقىلىق ئىچكى بازارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى بازاردىكى مال باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا پۇل پاخاللىقى ئۆتمە شەكىل ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەمچى مەھسۇلات باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بىرلەمچى مەھسۇلات باھاسى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۆسكەن. شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ئادەتتە كىشىلەر PPIنىڭ CPIگە ئۆتمە تەسىر كۆرسىتىشى يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، كېيىنكى يېرىم يىلدا PPIنىڭ CPIگە كەلتۈرىدىغان ئۆتمە تەسىرىنىڭ بېسىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.
|